ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا، خۇددى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'زامان' ھەپتىلىك گېزىتىدە ئېيتىلغاندەك، ھەر بىر شەخس 'ئۆزىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان' بىر جەمئىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى.
بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، سىچۈەندە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا ھازىر، خەلق ئۆزلىرى ئىستىخىيىلىك ھالدا تەشكىللىنىپ قۇرغان چېڭدۇ ياشلار مەركىزى، 12 - ماي ئۆزىنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى، دېگەنگە ئوخشاش تەشكىلاتلار ۋە باشقا ھەر خىل دىنىي گۇرۇپپىلار كۈنسىرى ئۇلغايماقتا. ئۇلار بۇ رايوندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئارمىيىسىدىن باشقا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىنى - ئۆزى قۇتقۇزىدىغان بىر كۈچكە ئايلاندى.
بۇ، كوممۇنىست مۇستەبىتلىكى ۋەيران قىلغان مەزكۇر رايوندىكى پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ماددىي، ئەخلاقىي، روھىي خارابىلىرى ئۈستىدە، بىر ساقچى دۆلىتىدىن پۇقرالار جەمئىيىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالماقتا.