مەلۇم بولىشچە، مېھمانخانىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەرىپىدىن تارقالغان تەشۋىقات ۋارىقىدا يەنە، مەزكۇر مېھمانخانا ھەققىدە 500 خەتلىك ئىجابىي خەۋەر بەرگەن مۇخبىرغا 500 يۈەن، 500 دىن مىڭ خەت ئەتراپىدىكى ماقالىغا بىر مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
رويتېرستا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مېھمانخانا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاۋ شياۋدا ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ نامىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆز مېھمانخانىسىنىڭ ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدا ئورگانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىجابىي خەۋەر ئېلان قىلغۇزۇش ئۈچۈن مۇخبىرلارغا ياكى ئاخبارات ئورگانلىرىغا پارا بېرىش كەڭ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇ خەلقئارا مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ۋە مۇخبىرلار ئەخلاقىنى تەرغىپ قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىزچىل تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.