خىتاي كومپارتىيىسى 2008 - 2012 يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت قۇرۇلۇشى پروگراممىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي كومپارتىيىسى 2008 - 2012 يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاندا بۇ خىزمەتنىڭ "رەھىمسىز ۋە مۈشكۈللۈكى" كۆرسىتىلگەن.

خىتاي كومپارتىيىسى بۇ ھەقتىكى پىلانىنى 23 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ئاشكارا بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جامائەت گۇۋاھلىق ۋە كەسپىي مەسلىھەت بېرىش خىزمەتلىرىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا، " بۇ پارتىيىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت ئىستىلىدىن خېلىلا يىراق" دەپ كۆرسىتىلگەن.

رويتېرستا مەزكۇر پىلان ھەققىدىكى دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى چىرىكلىكنى يوقىتىشنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى پۇل - مۇئامىلە تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا مەزكۇر ئورگانلارنى مالىيە باشقۇرۇش جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت قۇرۇلۇشى پروگراممىسى شەرقىي ئاسىيادىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىكنى يوقىتىش جەھەتتە بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما چىرىكلىكنىڭ خىتايدا يەنىلا مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر خىتايدەك بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتتە چىرىكلىككە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.