خىتاي ئالىي سوتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارنىڭ %15 نى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.27
2008.06.27
خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى 2006 - يىلى يەرلىك سوتلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ھوقۇقنىڭ ئېھتىيات بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالىي سوت جىنايى جازا 3 - كوللىگىيىسىنىڭ سوتچىسى گاۋ جىنخۇڭ، مۇتلەق كۆپ قىسىم دېلولارنىڭ دەلىل - پاكىتلار يېتەرسىز، ئۆلۈم جازاسىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىك سەۋەبىدىن رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
"جۇڭگو گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي خەلقئارا ئېقىمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قىسقارتىش تەلىپىگە ماسلىشىۋاتقانلىقى، ئەگەر " ئىجتىمائىي شەرت -شارائىت پىشىپ يېتىلسە " ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت، دەپ قارالماقتا. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسى مەھبۇسلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن يەڭگىللىك بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى مارك ئاللىسون، بۇ خەۋەر يەرلىك سوتلاردا %15 دېلونىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىنى، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.