كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەن جازاسىنى توختاتمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.11
2008.09.11
مەركىزى نيۇيوركتىكى " جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى " پەيشەنبە كۈنى، خىتايدا ساقچىلارنىڭ يەنىلا تەن جازاسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈرمە ئىچىدە تەن جازاسى بېرىشنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گاۋ فېيشۇڭنىڭ دىلوسى ئالاھىدە مىسالغا ئىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى گاۋ فېيشۇڭ قولغا ئېلىنغاندا، ساقچىلار ئۇنىڭ قول - پۇتلىرىنى كارىۋاتقا باغلاپ 42 كۈن ياتقۇزغاندىن سىرت، ئۇنى ئىككى قولى بىلەن ئېسىپ قويۇپ، بەدىنىنىڭ سەزگۈر جايلىرىغا توك كالتەك تەككۈزگەن. قاتتىق قېيىن - قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن گاۋ فېيشۇڭ جىنايىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان.
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا كۆپلىگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر تەن جازاسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلار ھەمدە ئۈز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدە قاتتىق قېيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار، چەتئەللەردە پاناھلىق تىلەش جەريانىدا خىتايلار قوللانغان تەن جازاسى ھەققىدە ئىسپات بەرگەندىن سىرت، ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى قانداق قىينىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.