خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەزگۈر دەپ قارىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقىۋەتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.31
2008.07.31
گۇاڭدۇڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي خىتاي شەھەر گېزىتى پەيشەنبە كۈنى، 1 - ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ 25 - ئاۋغۇست كۈنىگىچە پۈتۈن خىتاي بۇيىچە ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنى قامال قىلىشنى، 6 ئولىمپىك شەھىرىدە بولسا 9 - ئاينىڭ 20 كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ تەرتىپىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن بۇ چارىنى يولغا قويغانلىقى، بولۇپمۇ تور بەت ئارقىلىق قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بىراق، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگى ئەپەندى، خەلقئارا جامائەت بىلەن ئوخشاشلا ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ": بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن كېيىن، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى توسۇپ قويغانلىقى مېنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈردى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ " دېدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى تور بەتلەرنى تاقىغاندىن باشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىن ۋاقىت گېزىتى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلارغا ئائىت تور بەتلەر بىلەن سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن.