چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى ئامېرىكا، برازىلىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.15

 جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى ئىقتىساد - تېخنىكا رايونىنىڭ بىر تەتقىقات بىناسىدا، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 3 تە، پارتلاتقۇچنى جايلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن يىراقتا تۇرۇپ ئورۇنلانغان تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ئىككى ئادەم ئۆلگەن.

بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ ۋېي 'بۇ ۋەقەنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ پەقەت بىر ھادىسە' دەپ جاكارلىغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.