يەر تەۋرەشتە بۈگۈنگە قەدەر ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 34 مىڭدىن ئاشقان

سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيىسى تەۋەسىدە 12 - ماي يۈز بەرگەن 7.9 بال يەر تەۋرەشتە بۈگۈنگە قەدەر ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 34مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى باشلىقىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان، يوقاپ كەتكەن ھەمدە ھازىرغىچە خارابە ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ سانى 71 مىڭدىن كۆپ ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.05.19

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ليۇ چىڭباۋ، يەنە 9509 ئادەمنىڭ خارابە ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى 29418 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يەر تەۋرەشتە ۋېنچۈەن ناھىيىسى تەۋەسىدە 245 مىڭ 108 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇقلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەر تەۋرەشتە ئادەملەردىن باشقا يەنە، 12 مىليوندىن ئارتۇق چارۋا مالمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.