خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 60000 كىشىدىن ئاشتى

خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60000 كىشىدىن ئاشقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كى مون بىلەن بىرلىكتە ئاپەت رايونىدا زىيارەتتە بولغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 80 مىڭ كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى، بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ بۇ باياناتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرتەۋرەشتە ئىز - دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن 30 مىڭ ئەتراپىدىكى ئادەمنىڭ ھاياتلىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

شەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ باياناتچىسى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا ئىككى ھەپتە ئاۋال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 60560 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە 221، 26 ئادەمنىڭ غايىب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12‏ - ماي كۈنى خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دۇنيا نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەسىيىشىگە سەۋەب بولغان. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزاسى، گەرھارد ھايبەرگنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە 11 ھەپتە ۋاقىت بار بولۇپ، كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئولىمپىك ھەققىدىكى سىياسىي مۇنازىرىلەر ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان نۇرغۇنلىغان تەنھەرىكەتچىلەر نىڭ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئىكەن.