سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 68 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 گە قەدەر، سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەن رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 68 مىڭ 516 گە يەتكەن، ئاپەتتە يارىلانغانلار سانى 360 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، 19 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى تېپىلمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.29

 بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭچاڭ ناھىيىسىدە يېقىندا كۆرۈلگەن 7. 5 بال يەر تەۋرەشتە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى، نەق مەيدانغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، نىڭچاڭ ھەمدە لۆياڭ قاتارلىق ناھىيىلەرنىڭ ئاھالىسىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەشكە تەشكىللىمەكتە.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى بىلەن يارىلانغان ۋە ئىز - دېرىكى يوقاپ كەتكەنلەر سانىنى تولۇق ستاتىستىكىسى بىلەن ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ساندىن ئاز ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.