گۇاڭشىدىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلدى

خىتايدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى سەھەر 6 دە گۇاڭشىنىڭ يىجۇ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

مەزكۈر پارتىلاش ۋەقەسى ھەققىدە ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە پارتلاشتا 16 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، يەنە 60 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يەنە 6 سىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق زەھەرلەنگەنلەرنى جىددى قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلەپ تارقىتىشىچە، پارتىلاش يۈز بەرگەن خېمىيە سانائەتـ زاۋۇتىغا يېقىن بىر كىلومېتىر دائىرىدىن ئون مىڭچە ئائىلە بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايدا قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىنى كىيگەن خادىملار كارانتىن قىلىنغان زاۋۇت ئەتراپىدا يەنە خىمىيىلىك گازلاردىن زەھەرلىنىپ ئۆلگۈچى ھەم يارىدار بولغۇچىلارنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.

دائىرىلەر دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، ۋەقەنى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە دائىر پارتىلاش ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلدى.