خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يېڭى رېكورت ياراتتى

4 ‏ - ئاي ئىچىدە خىتايدا تاۋار بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇ كېلەر ھەپتىدە ئېلان قىلىنىدىغان تاۋار بۇيۇملىرىنىڭ بازاردا سېتىلىش باھاسى يەنى ئىستىمال باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە زور بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، 4 ‏ - ئاي ئىچىدە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى 1.8 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇنى 2007 ‏ - يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 2.5پىرسەنت ئارتقان. 4 - ئاي ئىچىدە خام نېفىتنىڭ زاۋۇت باھاسى 9.37 پىرسەنت، كۆمۈرنىڭ زاۋۇت باھاسى 9.20 پىرسەنت، يىمەك ‏ - ئىچمەكنىڭ زاۋۇت باھاسى 9.11 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى تاۋارنىڭ بازاردىكى ئىستىمال باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنى سېتىلىش باھاسىنىڭ ئىگىز - پەسلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 3 ‏ - ئايدا ئىستىمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆرسەتكۈچىنى 3.8 پىرسەنت، دەپ ئېلان قىلغان. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 4 ‏ - ئايدىكى ئىستىمال باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى 12 ‏ - ماي كۈنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن. تاۋار بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسىدىكى ئارتىش ئۇنىڭ ئىستىمال باھاسىغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇل پاخاللىقى كونترولدىن چىقىپ كەتسە، بۇ پۇقرالىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاجىز خىتايدا زور ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.