خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئىككى مەشھۇر دېموكراتچىنى چېگرىدىن كىرگۈزمىدى

كوممۇنىست خىتاينىڭ خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۈگۈن ئىككى مەشھۇر دېموكراتچىنى چېگرىدىن كىرگۈزمىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىرى خىتايدا 5 يىل تۈرمىدە ياتقان، ھازىر باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ 'پۇقرالارنىڭ قۇدرىتى' ناملىق دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ياڭ جيەنلى ئەپەندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.06

 ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ياڭ جيەنلى قاتارلىق كىشىلەر خوڭكوڭدا چېگرىدىن كىرگۈزۈلمىگەن ئۈچىنچى تۈركۈم دېموكراتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خوڭكوڭنىڭ قانۇن پالاتا ئەزاسى لياڭ گوۋېى، خې جۈنرېنلار خوڭكوڭ ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا 'دوكتور ياڭ جيەنلىلەر چېگرىدىن كىرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ، بىز ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز' دېگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.