خۇ جىنتاۋ ۋلادىمىر پۇتىننى تەبرىكلىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھاكىمىيەتتىكى "رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى"نىڭ رەئىسى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 19 - ئاپرىل كۈنى مەخسۇس تەبرىكنامە ئەۋەتىپ ئۇنى تەبرىكلىدى.

شىنخۇئانىڭ كۆرسىتىشىچە، خۇ جىنتاۋ خېتىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي نامىدىن پۇتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە "جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى قويۇق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىككى پارتىيە ئۆزارا ئىشىنىش ھەم چۈشىنىش ئالاقىلىرى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتتى، جۇڭگو كومپارتىيىسى مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان، تولۇق باراۋەرلىك ھەم ئۆزارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكىن ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا مەزكۇر پارتىيە بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

15 - ئاپرىل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيىدا پۇتىننىڭ مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولمىغان ئەھۋالغا قارىماي، ئۇنىڭغا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، پۇتىن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ھەمدە 7 - ماي كۈنى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا بۇ ۋەزىپىنى ئاتقۇرىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.