خۇ جىنتاۋ ياپونىيىدە نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى

سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى ئەيىبلىگەن مىڭلىغان كىشىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.05.06

 نامايىشچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە ساقچىلىرى، "قاتىل خۇ جىنتاۋ"، "يوقالسۇن خۇ جىنتاۋ" دەپ شوئارلار توۋلىغان نامايىشچىلارنىڭ، خۇ جىنتاۋنىڭ توكيودىكى ئۇچرىشىشىلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توكيو شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھىبىيا پارك باغچىسى ئەتراپىدا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.

نامايىشلاردىن باشقا يەنە، يۇكىيو ئىدانو قاتارلىق ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى باش مىنىستىر فۇكودانى، خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.

بۇ قېتىمقى زىيارەت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان مارت ئېيىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن، چەت دۆلەتكە قاراتقان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.