سابىق خىتاي رەئىسى خۇئا گوفېڭ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.31
2008.08.31
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەپنە مۇراسىمىغا خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ھەمدە سابىق خىتاي رەھبەرلىرىدىن جاڭ زېمىن، جۇ روڭجى قاتارلىقلار قاتناشقان. خۇ جىنتاۋ خۇئا گوفېڭنى "ئۇزۇن مەزگىل سىناقتىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى" دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇئا گوفېڭ 20 - ئاۋغۇست كۈنى 87 يېشىدا بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى.
خۇئا گوفېڭ 1976 - يىلى ماۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىلىك ئورنىغا چىققان بولۇپ، 1980 - يىلى دېڭشياۋپىڭ تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئەزالىق ئورنى ساقلىنىپ قېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي سورۇنلاردىن ئورۇن ئالماي، كىشىلەر ئۈچۈن سىرلىق تۈس ئالغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خۇئا گوفېڭنىڭ كىملىكى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە ماتېرىياللار ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ 70 - 80 - يىللاردىكى ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى خىتاي ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرۈشىنىڭ قۇربانى بولغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ ئەسلىدە ماۋزېدوڭنىڭ نارەسمىي ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئائىت قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.