6 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ياڭ جياغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش ھارپىسىدا شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ 6 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ۋە بىر نەچچىسىنى يارىلاندۇرغان ياڭ جياغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ياڭ جيا ئۈستىدە ئېچىلغان سوت 26 - ئاۋغۇست يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.01

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 28 ياشلىق ياڭ جياغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئارتىلغان بولۇپ، سوت ھۆكۈمى شاڭخەي شەھەرلىك 2 - سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، سوت مەھكىمىسى ياڭ جيانىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە ساغلام ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن بولۇپ، ياڭ جيامۇ ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ بىرىنچى كۈنى ياڭ جيا پىچاق، بولقا ۋە پارتلاتقۇچ دورىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا شاڭخەي شەھىرى جابېي رايونلۇق ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە 6 ساقچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن 4 نەپىرىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئالدىنقى يىلى ۋېلىسىپىت ئوغرىلاش گۇماندارى سۈپىتىدە مەزكۇر ساقچىخانا تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن بولغاچقا، شۇڭا ئۇ بۇ ھۇجۇمنى ساقچىلاردىن ئۆچ ئېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى ياڭ جيانى قەھرىمان ساناپ ياڭ جيا پالۋان دەپ ئاتاشقان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.