ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (4)
2018.05.08
4-بۆلۈم: ئۇيغۇر مۇساپىرلار دولقۇنى ۋە تۈركىيە
2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان جەرياندا خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
بىر مەزگىل تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بۇ ۋەقە كېيىنچە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەردە تۇتقۇن قىلىنىشى، يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە يولغا سېلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ قېتىملىق زور ھىجرەت دولقۇنى زور ساندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە، ئۇ يەردىن تاكى تۈركىيەگىچە سوزۇلغان ئۇزۇن مۇساپىرەت لىنىيەسىنى ھاسىل قىلدى.
تۈركىيە، بولۇپمۇ ئىستانبۇل ئەنە ئاشۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ 1950-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قونالغۇسىغا ئايلاندى.
دەل شۇ مەزگىللەردە، يەنى 2016-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى تۇرالغۇسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكى، ئۇلاردا توغرا ۋە مۆتىدىل بولغان ئىسلامىي چۈشەنچىلەرنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز ئەسناسىدا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق بىر قىسمى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسى نۆۋەتتە بىزنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرۇۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمى ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر قىلغان ئەڭ چوڭ سەۋەبتۇر. ھالبۇكى، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك قېچىش سەپىرىدە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىن كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆز كەلگۈسىگە ۋە ئۆزى تەۋەككۈل قىلغان يولنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە نىسبەتەن كاللىسىدا ھېچقانداق ئوي-خىيال ھەم تەييارلىقى بولمىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، شۇ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مەسىلىدە جىددىي چارە-تەدبىر قوللىنىپ، مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى تۈركۈمى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ھەتتا شۇ مەزگىللەردە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانا ۋە زاللىرىمۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تولدى. ئۇلارنى مۇۋاپىق يوسۇندا يەرلەشتۈرۈش، بالا-چاقىلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، تىرىكچىلىك يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش، مەنىۋى ۋە پسىخىك جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش، توغرا بولغان ئىسلامىي ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى سىڭدۈرۈش، ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۆز كىملىكى ھەققىدە تەربىيە بېرىش شۇنداقلا ئۇلارنى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كەلدى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كېيىنچە جامائىتىمىز تەركىبىگە قوشۇلۇپ، توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغان ياشاش يوللىرىنى تاللىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسمى ئۆزى بىلگەن يوللارغا ماڭىدىغان، ئۆزى مەنسۇپ بولمىغان گۇرۇھ ۋە مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشلىرىغا ئارىلىشىپ قۇربانلىققا ئايلىنىدىغان پاجىئەلەردىنمۇ خالى بولالمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزنى خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى. ئەمما بىز يەنىلا ئۆز خىزمەتلىرىمىزنى، بۇرچلىرىمىزنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق.»
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئاخىرىدا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاچقۇنلۇق ۋە تۇتقۇنلۇقتىن كېيىن بىر قىسمى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى يەرلەشتۈرۈش، ئۇلارنى نورمال ھايات يولىغا يېتەكلەش ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر تەركىبىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)