«داموللا ئابدۇلقادىر كىمدۇر؟» (20)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.11.09
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى، بۈيۈك ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام (1870-1924)
RFA/Qutlan

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇبارەك نامى ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا قەشقەردىن قازانغىچە، ئىلى ۋادىرىلىرىدىن بۇخارايى شەرىپ ۋە ئىستانبۇلغىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلاردىكى خەلقلەرگە ئاڭلانغان ھەم تونۇلغان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن خېلى يىللار ئىلگىرى-قىرىم تاتارلىرى تەرىپىدىن ئورتاق تۈركىي تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ۋە پۈتكۈل تۈرك-ئىسلام دۇنياسىغا تارقىلىدىغان «شۇرا» ژۇرنىلىدا «داموللا ئابدۇلقادىر كىمدۇر؟» دېگەن مەشھۇر بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. خۇددى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1915-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەرجىمىھال خاراكتېرلىق ماقالىسى- «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دە ئېيتىلغاندەك: «يۈكسەك ئىلمىي تەلقىنلىرى ۋە ئەرەب تىلىدىكى پاساھىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر نەزەرىدە شام ياكى مىسىر ئالىملىرىدىن بولسا كېرەك» دەپ قارالغان ئابدۇقادىر داموللام، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇنەۋۋەرلەردىن ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۆپلىگەن ماقالە-ئەسەرلىرى، ئىلمىي ۋە دىنىي ئەمگەكلىرى، زامانىۋىي مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى ئاقارتىش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرى، يېڭىلاش روھىغا باي ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىلىرى، شۇنداقلا ۋەتەن-مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى يالقۇنلۇق چاقىرىقلىرى، رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلىقىغا نۇر سەپكەن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى: «ئابدۇقادىر داموللامنى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى ۋە بايراقدارى دېيىشكە بولىدۇ،» دەيدۇ.

پۈتۈن دۇنيا يېڭى دەۋرنىڭ تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكى رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى ئىككى تۈركىستان-يەنى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان خەلقلىرى ئۈچۈن زۇلۇمدىن، جاھالەتتىن، ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن ئىنتايىن مۈشكۈل يىللار ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەشەددىي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئابدۇقادىر داموللامدەك مۇنەۋۋەرلەرگە ۋە يولباشچىلارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى: «20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش تارىخىنى ئابدۇقادىر داموللامسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس،» دەيدۇ.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي ۋە دىنىي ئەسەرلىرى، زامانغا لايىقلاشقان ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىسى ھەمدە يېڭى مائارىپ ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئويغىنىش ۋە تەرەققىياتقا يۈزلىنىش ئەندىزىسى ياراتقان ئىكەن.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇقادىر داموللام باشلىغان يول-مىللەتنى ئاقارتىش ۋە مائارىپ ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، مىللەتنى ھۆرلۈككە ۋە ئازادلىققا باشلايدىغان مۇقەددەس بىر يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچەسارايدا تۇنجى بولۇپ مەشئىلى يېقىلغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا قىرىمدىن قەشقەرگىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلاردىكى مۇنقەرز خەلقلەرگە نىسبەتەن بىر ئويغىنىش يولى ھەم مىللىي قۇتۇلۇش يولى بولغان ئىدى. شۇڭىمۇ تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ يولنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللامنى «جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يارقىن ۋەكىلى ۋە سىمۋولى» دەپ قارايدۇ.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تاكى ۋاپاتىغا قەدەر ئۆزى تاللىغان بۇ مۇقەددەس كۈرەش يولىدىن ئەسلا چېكىنمىگەنلىكىنى، جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدە-بولۇپمۇ مائارىپ، ئاقارتىش، ئويغىنىش، پىكىر يېڭىلاش، پاكىزە ئەقىدە تۇرغۇزۇش، كىملىك ۋە مىللىي ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش، قۇدرەت تېپىش ۋە مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇشتەك كۆپلىگەن ساھەلەردە بايراقدار بولۇپ ماڭغانلىقىنى، ئۇ باشلىغان بۇ ئويغىنىش يولىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر خەلقىنى 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى بىر مەيدان مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىغا تۇتاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

(تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.