ئاھ ۋەتەن! ئاھ خەلقىم!
2015.02.14
نۇر تېيىپ
ئۆتكۈزدۈم ئۇيقۇسىز تالاي تۈنلەرنى،
سېغىنىپ بەختىيار، ئازاد كۈنلەرنى.
ۋە لېكىن رېئاللىق، رەھىمسىز ئىكەن،
بۇ قارا تەقدىرىم، ئەزدى دىللارنى.
بىر مۇدھىش قارا قول، سىقار گاللارنى،
مەقسىتى قۇل قىلىش ئەگىپ بەللەرنى.
ياق دېسەڭ بېشىڭدا ئوينايدۇ قىلىچ،
قان ئىچەر يالماۋۇز، پىچىپ تەنلەرنى.
ھەق سۆزگە ئورۇن يوق، كېسەر تىللارنى،
گاچىدەك ئۆتكۈزدۇق، ئۇزۇن يىللارنى.
تېرىقنى تاغ دەيدۇ، گۇناھلار ئارتسا،
بەزىدە چاشقان دەر، يوغان پىللارنى.
يالغاننى سۆزلىسە «بەرھەق» دېمىسەڭ،
چوشقىنى قوي دېسە، ھە دەپ يېمىسەڭ.
ئەقلىڭدىن ئۆتمىسە، قاراپ قويساڭمۇ،
«ئالايدىڭ چەنتۇ» دەپ، ئويار كۆزلەرنى.
ئەرلىكنىڭ سىمۋولى، ساقال - بۇرۇتمۇ،
سىغمىدى مەلئۇننىڭ مەينەت كۆزىگە.
ھۆر-پەرى قىزلارنىڭ، ھىلال ياغلىقى،
يۇلۇندى بەشىدىن، باقماي ئۆزىگە.
قوش تىللىق بولساڭلار پايدا تولا دەپ،
يالغاندىن ئۇيغۇرنىڭ، غەملىرىنى يەپ.
بۆشۈكتىن باشلىدى، رەزىل پىلاننى،
تارىخنى كۆممەكچى، بۇزۇپ تىللارنى.
دىۋانە ئاتالدۇق، يۇرت بىزنىڭ تۇرۇپ،
تۇرارغا ئىمكان يوق قوغلىدى ئۇرۇپ.
«كەلسىلە غوجام» دەپ، تۆرگە باشلىغاچ،
يەم بولدۇق، كەتتىغۇ ئىلىكلەر قۇرۇپ.
ئاھ قانداق دۇنيا بۇ، ئادالەت قائىدە؟!!!
ياردەمگە قول يوقكەن بەرمىسەك پايدا.
ئوزىمىز ئۇيۇشماي، چېچىلىپ يۈرسەك،
قالمامدۇق ئۆمۈرلۈك، پۇشمانغا داغدا.