چوگېر چوققىسى گۇۋاھ بولغان كەچۈرمىشلەر - 2

0:00 / 0:00

بىرقانچە ئايلىق جاپالىق سەپەردە ئىنسان دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغان ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم چارۋىچى قىياپىتىدىكى كىشىلەرگە يولۇقىدۇ. پاكىستانلىق چارۋىچىلارنىڭ ئاقساقالى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىر كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن چارۋىچىلار ئاقساقالى ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە نەگە بارىدىغانلىقىنى سورايدۇ.

ئابدۇلئەزىز ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى، ئىسلامئاباد ياكى راۋالپىندى تەرەپلەردىكى ئىسلام مەدرىسىلىرىدە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. چارۋىچىلار ئاقساقالى ئۇلارغا گىلگىت دېگەن شەھەردە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ بارلىقىنى، ھازىر ئۇلارنى باشلاپ گىلگىتكە بارىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىشىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ھەمدە دەرھال يولغا چىقىشقا تەييارلىنىدۇ.

ئۇلار پاكىستانلىق چارۋىچىلار ئاقساقالىنىڭ يول باشلىشى بىلەن تاغ يولىدا ئىككى كۈن پىيادە ماڭغاندىن كېيىن شىمشال دېگەن تاغلىق يېزىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ يەردە بىر كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە ئىككى كۈن پىيادە يول يۈرۈپ خىتاي - پاكىستان تاش يولىنىڭ كەشمىر تەۋەسىدىكى بۆلىكىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ يەردىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ھۇنزا دېگەن جايغا بارىدۇ. ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭغان چارۋىچىلار ئاقساقالى بۇ يەردە ماشىنىنى توختىتىپ بىر بىناغا كىرىپ كېتىدۇ - دە 3 نەپەر پاكىستانلىق ساقچىنى باشلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى بۇ يەردە قولغا ئېلىنىدۇ. شۇندىلا ئۇلار ئۆزلىرىگە يول باشلاپ ماڭغان ھېلىقى كىشىنىڭ چارۋىچىلار ئاقساقالى ئەمەس، بەلكى پاكىستان چېگرا مۇھاپىزەت قاراۋۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۇلار ھۇنزادا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى ساقچىخانا ئۇلارنى سوراق قىلىپ مەخسۇس دېلو تۇرغۇزىدۇ ھەمدە سوراق خاتىرىلىرىنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇپ سوتقا سۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. سوتچى ئۇلارنىڭ دېلو ماتېرىياللىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇلاردىن پەقەت «سىلەر مۇسۇلمانمۇ»، «سۈننىيمۇ ياكى شىئەمۇ» دېگەن ئىككىلا سوئال سورايدۇ ئاندىن دېلو ماتېرىيالىغا قول قويۇپ ئۇلارنى گىلگىتتىكى تۈرمىگە يوللاپ بېرىدۇ.

بۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى سوت بولۇپ، ئاخىرقى ھۆكۈم چىققۇچە گىلگىت تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى گىلگىت تۈرمىسىدە جەمئىي 11 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا 4 قېتىم قايتا - قايتا سوت قىلىنىدۇ. ئۇلار شۇ جەرياندا تۈرمىدە ئۇردۇ تىلىنى ئۆگىنىپ سۆزلىشەلەيدىغان سەۋىيىگە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى، بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ھەمدە تەۋرەنمەس مۇسۇلمانلىق ئېتىقادى گىلگىت تۈرمە خادىملىرى ھەمدە سوتچىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئاخىرقى سوتتا ئۇلار گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلىدۇ.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار گىلگىتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالدى بىلەن ئىسلامابادقا بارىدۇ ئاندىن پېشاۋۇردىكى ئەرەب تىلى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. بۇ يەردە ئىككى يىل ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دىپلومىنى ئالىدۇ ھەمدە ئەرەب تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىگە كىرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلايدۇ. ئەمما قولىدا پاسپورتى ياكى قانۇنلۇق تۇرۇش ۋىزىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پاكىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئوقۇش ۋە بىلىم ئېلىشقا بولغان قىزغىن ئىشتىياق ئۇلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئامال - چارە تېپىشقا ئۈندەيدۇ. پاكىستاندا ياشاۋاتقان مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئابدۇلئەزىز ئاخىرى بىر پاسپورتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىلگىرى ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رەسىمىنى چاپلاش ئارقىلىق باشقا ئىسىم - فامىلىدىكى خىتاي پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ.

ئابدۇلئەزىز بۇ پاسپورت ئارقىلىق ھىندىستانغا كىرىدۇ ھەمدە 40 كۈندەك ھىندىستاننىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدە چېپىپ يۈرۈپ ئوقۇشقا كىرىشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. ئەمما قولىدا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزا ياكى ئىقامەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلمەيدۇ. ئابدۇلئەزىزنىڭ ئىلگىرىكى زامانلاردا كۆپلىگەن دىنىي ئالىملار يېتىشىپ چىققان ھىندىستاندىكى ديۇبەند مەدرىسىگە كىرىپ ئوقۇش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ۋىزا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن رەسمىيەت بېجىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ھىندىستاندا ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھىندىستاندىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش قارارىغا كېلىدۇ.