0:00 / 0:00
سۆھبەت ساھىبى ھۈسەيىن تەجەللى 6 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان مەزكۇر نۇرۇلمەھەد ئىسلام مەكتىپىنى مەركەز قىلغان تۇڭگان يۇرتلىرىدىكى دىنىي مائارىپ ساھەسىدە، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە بارلىق ئىمكانلارنى قولدىن بەرمەستىن، مەزكۇر مەكتەپتىن باشقا ئەتراپتىكى يۇرت-مەھەللىلەردىكى تۇڭگان مەكتەپلىرىگىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زەنجىرسىمان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلغان. تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى دىنىي توقۇنۇش سەۋەبلىك مەزكۇر نۇرۇلمەھەد ئىسلام مەكتىپى تاقالغان بولسىمۇ، ئەتراپتىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشى 2 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان.
نۇرۇلمەھەد ئىسلام مەكتىپىنىڭ تاقىلىشىدا ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق بولغان؟ خىتايلارنىڭ مەكتەپنى تاقىۋېتىش سىياسىتى قانداق ئىجرا بولغان؟ بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا مەلۇمات ئالغايسىز.