ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول: قاچقۇندىكى ھايات - 7

نېپال ھۆكۈمىتى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كاتماندۇدىكى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن سىياسىي پاناھلىق تەستىقىغا پىسەنت قىلماي، دەسلەپ شىرئەلى باشلىق 3 ئۇيغۇرنى ئاندىن ئوسمانجان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇرنى يوشۇرۇنچە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە نېپالدا تەمتىرەپ يۈرگەن باشقا ئۇيغۇرلارنى سەراسىمغا سالىدۇ. ئالماسبەگ باشلىق نېپالدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار ب د ت ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىچكى جەھەتتىن يول كۆرسىتىشى بىلەن ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماسبەگنىڭ كاتماندۇدىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن ئالغان مۇساپىرلىق گۇۋاھنامىسى
ئالماسبەگنىڭ كاتماندۇدىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن ئالغان مۇساپىرلىق گۇۋاھنامىسى
RFA/Qutlan


شىرئەلى، ئابلاجان قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇزاققا قالمايلا ئېتىپ تاشلىنىدۇ. ئالماسبەگنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئابلاجاننىڭ ئائىلىسى ئۆز ۋاقتىدا شىرئەلى باشلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى يوشۇرۇن ھەرىكىتىگە ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەپلەردىن يار - يۆلەكتە بولغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئابلاجان شىرئەلى بىلەن نېپالغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى خوتەندە ئابلاجاننىڭ ئۆيىنى قورشاپ تراكتور بىلەن تۈرتۈپ، پۈتكۈل قورا - جايىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئابلاجاننىڭ ئاتا - ئانا ۋە ئاكا - سىڭىللىرى يۇرتتىن قېچىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئائىلە بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغا ئەھۋالدا ئابلاجان نېپالدا تۇرۇپ ئاتا - ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىمۇ نېپالغا ئېلىپ چىقىشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. ئەپسۇس، دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇ شىرئەلى باشلىق بالىلار بىلەن بىرگە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئېتىپ تاشلىنىدۇ. شۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۈرمىدىن پارا بېرىش يولى ئارقىلىق قۇتۇلغان ئوسمانجان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ھىندىستانغا مېڭىش ئالدىدا نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر كېچىدىلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئالماسبەگنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئوسمانجان ئەسلىدە تۇرپان شەھەرلىك سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك خادىمى بولۇپ، شىرئەلى باشلىق بالىلارنىڭ تۇرپاندا 6 ئاي يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشىغا ياردەمدە بولغان ئىكەن. كېيىنچە ئۆزىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكى كاسسىر خانىم بىلەن بىرلىكتە 1 مىليون سوم خەلق پۇلىنى بانكا ھېسابىدىن چىقىرىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتېللەرگە چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئىكەن. كېيىنچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ نېپالغا قېچىپ چىقىدۇ. بىراق، نېپال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. ئالماسبەگ ئوسمانجان بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كاسسىر خانىمنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئالماسبەگنىڭ ھەمراھلىرى بىر - بىرلەپ نېپال چەگرىسىدىن يوشۇرۇنچە ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئالماسبەگمۇ 2002 - يىلىنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدىكى تۇمانلىق بىر كېچىدە نېپاللىق تونۇشىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ھىندىستان تەۋەسىگە ئامان - ئېسەن ئۆتىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ بىھار شتاتىدىن ئاپتوبۇس ۋە پويىزلارغا چۈشۈپ ئاخىرى پايتەخت دەھلىگە يېتىپ بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى قاچقۇنلۇق ھاياتى باشلىنىدۇ.

دېھلىدىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئالماسبەگنىڭ ئىلگىرى نېپالدىكى ب د ت ئىشخانىسىدىن ئالغان سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ دېلوسوغا قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ دېھلىدا ئىنتايىن مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. 50 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىقتا ئۆي - ماكانسىزلىق، موھتاجلىق، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ھەمدە روھىي چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى مىتىدەك قىينايدۇ. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ ئارام بەرمەسلىكى ئالماسبەگنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەنۋەدىكى ب د ت مەھكىمىسىنىڭ باش ئورگىنىدىن بىر ئايال خادىم ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن مەخسۇس دېھلىگە كېلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىممۇ ئالماسبەگنىڭ ئىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. جەنۋەدىن كەلگەن خانىم ئۇنىڭ بىلەن بولغان يۈزتۇرانە سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالماسبەگ توغرىلىق ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە نوتا تاپشۇرغانلىقىنى، ئۇنى «تېررور» لۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئالماسبەگمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆھتانلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ دېھلىدىكى ب د ت ئىشخانىسى ئۇنىڭغا رەسمىي سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىنى بېرىدۇ.

شۇندىن باشلاپ ئالماسبەگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھىندىستاندا جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە كېتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. دېھلىدىكى ب د ت ئىشخانىسى نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ ئىشىنى كەينىگە سوزۇپ تۇرۇۋالىدۇ. ھىندىستاننىڭ تونۇردەك ئىسسىقىدا ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئاخىرى دېھلىدىكى «جەنۇبىي ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۇنى ھۆججەتلەشتۈرۈش مەركىزى» ناملىق بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مەتبۇئات ۋە مېدىياغا ئاشكارىلىنىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئىنگلىزچە ۋە ئۇردۇچە داڭلىق گېزىتلەر ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئالماسبەگ باشلىق ئۇيغۇرلار توغرىلىق خەۋەر بېرىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ. مۇخبىرلار تەرەپ - تەرەپتىن ئۇلارنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىشقا باشلايدۇ. گېزىت ۋە مېدىيانىڭ بېسىمى بىلەن دېھلىدىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىشخانىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىغا جىددىي قاراشقا باشلايدۇ.

ئالماسبەگ قاتارلىق بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ھىندىستاندىكى كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى قانداق بولدى؟ ئۇلارنىڭ غەربتىكى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلىشىش ئېلتىماسى ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيىدە بولدى؟ ھىندىستاندىكى ئۈچ يىللىق مۇشەققەتلىك ھايات ئالماسبەگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قانداق تەسىراتلارنى قالدۇردى؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى داۋاملىق ئاڭلاشنى خالىسىڭىز پروگراممىمىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك سانىغا دىققەت بەرگەيسىز.

تولۇق بەت