غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (31): ئامېرىكىدىكى زامانداشلىرىمدىن - ھاجى ئەھمەد ئاخۇن ۋە ئەدھەمجان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.01.02
Haji-Ehmed-American-Uyghur.jpg غۇلامىدىن پاختانىڭ ئامېرىكىدىكى سەپدىشى ۋە زامانداشلىرىدىن مەرھۇم ھاجى ئەھمەد ئاخۇن. (سۈرەتنىڭ تارتىلغان ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutlan

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە زامانداشلىرىدىن مەرھۇم ھاجى ئەھمەد ئاخۇن، ئەدھەمجان زاكىرخان ئوغلى ۋە ھامىدجانلارنىڭ نامىنى ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپ تەخمىنەن 3-4-يىللار ئۆتكەندە، يەنى 1970-يىلى ئەتراپىدا پاكىستان، ھىندىستان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق بىرقانچە ئۇيغۇر ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاجى ئەھمەد ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالى زەرپەرى خانىم ھەمدە ئايرىمچە غۇلام مۇھىددىنخان ئىسىملىك يەنە بىر يىگىت بار ئىكەن. كېيىنچە، ھىندىستان ئارقىلىق ھامىدجان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلىدۇ. ئامېرىكىدا بىرقانچە كىشىلىك كىچىك بىر ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پەيدا بولۇشى غۇلامىدىن پاختانى ئاجايىپ سۆيۈندۈرىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى زامانداشلىرىدىن مەرھۇم ھاجى ئەخمەد ئاخۇن ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەينى زاماندا قەشقەردىكى پاكىستان كونسۇلخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 1947-يىلى قەشقەر چىنىباغدىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى تاقالغاندا، يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ھىندىستان بىلەن پاكىستان چىنىباغدىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ يىللاردا ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى ياشاۋاتقان ھاجى ئەخمەد ئاخۇن قەشقەردىكى پاكىستان كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ ياردىمىدە پاكىستانغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.

قەشقەردىكى پاكىستان كونسۇلىدا خىزمەت قىلىدىغان بۇ دىپلومات ئۇزۇن ئۆتمەي پاكىستانغا قايتىدۇ ۋە كېيىنچە پاكىستاننىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇللىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھاجى ئەھمەد بۇ كىشى بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردە دەسلەپ گىمنازىيەدە، كېيىنچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ پاكىستانغا قايتىدۇ ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن زەرپەرى خانىم بىلەن توي قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ھاجى ئەھمەد ئاخۇن ئايالى زەرپەرى خانىم ۋە يېقىن دوستى غۇلام مۇھىددىنخان بىلەن بىرلىكتە ئاۋۋال تۈركىيەگە كېلىدۇ، ئۇ يەردىن كېيىنچە ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ بايان قىلىشىچە، ھاجى ئەھمەد ئاخۇن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن دەسلەپ نيۇ-يوركتا ياشايدۇ. كېيىنچە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىغا يەرلىشىپ، ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھاجى ئەھمەد ئاخۇننىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇنقەرز ۋەتىنى ھەققىدىكى سىياسىي دەۋا ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. كۆپلىگەن دوكلات ۋە ئىلتىماسلارنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىنىشىدا كۈچ چىقىرىدۇ. كېيىنچە ھاجى ئەھمەد ئاخۇن غۇلامىدىن پاختانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكىدا بىرىنچى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ياردەمچى بولىدۇ ھەمدە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

شۇ يىللاردا يەنە خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرى ئارقىلىق ئەدھەمجان ئائىلىسى ئامېرىكىغا كېلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا زور خۇشاللىق ئىلىكىدە ئەدھەمجان بىلەن ئايالى تۆرەم پاشا خانىمنى كۈتۈۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ يىللاردا بىرلەپ-ئىككىلەپ كۆپىيىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ئاشۇ يىللاردا سەپدىشى ئەدھەمجان زاكىرخان ئوغلىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچقانلىقىنى، كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئىگىلىك تىكلەپ كۆزگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەدھەمجان ۋە ئايالى تۆرەم پاشا خانىم 1940-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە شاھىت بولغان كىشىلەر ئىكەن. گەرچە ئۇلار تاشكەنتتە تۇغۇلۇپ، كېيىنچە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكىدىكى ھاياتى داۋامىدا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ۋەتىنىم دەپ قاراپ كەلگەن شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىگە نائىل بولغان كىشىلەر ئىكەن.

غۇلامىدىن پاختانىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ يىللاردا يەنە ھامىدجان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن. ھامىدجان ياش چاغلىرىدا ھىندىستاندا ئوقۇغان، كېيىنچە بومباي ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. دەسلەپكى يىللاردا ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىشتە ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يىراقلاشقان ئىكەن. غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى، ھامىدجان ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ ھازىر قەيەردە، قانداق ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوقكەن.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.