سوغۇق ئۇرۇشنىڭ پەردىسى قايرىلغان 1950-يىللاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سابىق غەربىي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى رادىيو ئاڭلىتىشىنى يولغا قويىدۇ. ئەنە ئاشۇ سىياسىي ئېھتىياج «ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» بىلەن «ئازادلىق رادىيوسى» نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
«ئازادلىق رادىيوسى» قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئاڭلىتىش باشلايدۇ. غۇلامىدىن پاختا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «ئازادلىق رادىيوسى» غا قوشۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر خادىم بولسىمۇ، ئەمما كەسپىي ئېھتىياج تۈپەيلى ئۇ مەزكۇر رادىيونىڭ ھاۋاغا تارقىتىش ئىستانسىدا تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە ئاڭلىتىشى تەركىبىدە 5 مىنۇتلۇق ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىنىدۇ.
«ئازادلىق رادىيوسى» دا سىناق تەرىقىسىدە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خېلى ۋاقىتلارغىچە غۇلامىدىن پاختا مەزكۇر رادىيونىڭ ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش قارمىقىدا ئۆزى يالغۇز ئۇيغۇرچە خەۋەر ئاڭلىتىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا «ئازادلىق رادىيوسى» سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بويىچە بىرقانچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىلغان بولۇپ، «تۈركىستان-1» گۇرۇپپىسىدا ئۆزبېكچە، تۈركمەنچە ۋە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش، «تۈركىستان-2» گۇرۇپپىسىدا قازاقچە، قىرغىزچە ۋە تاجىكچە ئاڭلىتىش تەسىس قىلىنىدۇ.
غۇلامىدىن پاختانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پروگراممىلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە قارشى ئاڭلىتىش بېرىشنى ئاساس قىلغان ئىكەن. يەنى «ئازادلىق رادىيوسى» سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدىكى گېزىت-ژۇرنال ۋە رادىيو ئاڭلىتىشلىرىدىكى قىزىل تەشۋىقاتلارغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.
غۇلامىدىن پاختانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئازادلىق رادىيوسى» خىتايغا ئەمەس بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىدۇ، دېگەننى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما رادىيو دولقۇنىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن ھالقىپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگىمۇ يېتىپ بارغان ئىكەن.
ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىن تارقىتىلىۋاتقان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئاڭلىتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھاۋا دولقۇنىدا تېخنىكىلىق كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنىڭ رادىيو تېخنىكىسىدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ پەيدا قىلغان شاۋقۇنلۇق كاشىلىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاڭلىتىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
«ئازادلىق رادىيوسى» دىن ياڭرىغان ئۇيغۇر ئاۋازى ئەڭ دەسلەپكى ھەپتىدە 5 مىنۇتلۇق خەۋەر ئاڭلىتىشىدىن كېيىنچە ھەپتىدە 15 مىنۇتلۇق ئاڭلىتىشقا كۆپەيتىلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا غەرب دۇنياسىدىن ياڭرىغان بۇ تۇنجى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىقىدا تېپچەكلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00