گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بەشىدىن كەچۈرگەنلىرى-8

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.01.11
abubekri-ababekri-guentanamo.jpg گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىمنىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
Social Media

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى تىرانا ئايرودرومىغا قونغىنىدا ئادرەاتىك دېڭىزى بويىدىكى بۇ كىچىككىنە دۆلەت تېخى تۈن قاراڭغۇلۇقىدا ئىدى. قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە ھەربىي ئايروپىلاندىن يەرگە چۈشكەن گۋەنتانامو تۇتقۇنلىرى ئاللىقانداق بىر قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا ئەنسىز قارايدۇ. ھەممە نەرسە ھەتتا ھاۋامۇ ئۇلار ئۈچۈن يات تۇيۇلۇۋاتاتتى. شۇ ھامان ئابابەكرىنىڭ كاللىسىدىن بىر خىيال يالت قىلىپ كەچتى…

بۇ ئالبانىيىمۇ ياكى بېيجىڭمۇ؟

ئۇزۇن ئۆتمەي بىرقانچە پىكاپ ئايروپىلاننىڭ قېشىغا توختاپ، ئۇنىڭدىن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ گالستۇك باغلىغان ناتونۇش ئادەملەر چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ۋە سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئابابەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى يەنىككىنە تىنىدۇ، ئەمما ئۇلار چىرايلىرىدىكى جىددىيچىلىكتىن پەيدا بولغان غەيرى-نورمال كەيپىياتىنى يوشۇرالمايدۇ.

غەيرىي تىلدىكى سالاملىشىشلار ۋە ئاددىيلا ئېلىپ بېرىلغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسى بويىچە ئالبانىيىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جەزم قىلىدۇ.

بىرقانچە پىكاپ ئۇلارنى تۈن قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە تىرانا شەھىرىگە ئېلىپ كىرىدۇ. يېشى چوڭراق ئالبان تەرجىمان يول بويى ئابابەكرى بىلەن خىتاي تىلىدا سۆزلىشىپ ماڭىدۇ. ئالبانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنى تىرانا شەھىرىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

تۈن قاراڭغۇلۇقى كۆتۈرۈلۈپ تاڭ ئاتىدۇ. ئۇلار بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدىكى بۇ كىچىككىنە دۆلەتتە گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن بوشاپ چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى سەھەرنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تۇتقۇنلۇقتىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن تۇنجى سەھىرى ئىدى.

ئوتقاشتەك قىزىل قۇياش دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ تىرانا شەھىرىگە ئۆز نۇرىنى تۆككىنىدە ئابابەكرى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ھاياتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇلار ئالبانىيىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ، نېمىلەرنى بېشىدىن كەچۈردى؟ قانداق جەريانلار بىلەن بۇ يات تۇپراققا ئۆزلىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يەنە بىر ۋەتىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى؟...

بۇ تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، ئاۋاز ئۇلىنىشقا دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.