گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى - 6

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.12.14
ababekri-qasim-albabniye-guantanamo-305.png گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن ئالبانىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىمنىڭ يېقىنقى سۈرىتى
RFA/Qutlan


ئابابەكرى قاتارلىق 22 نەپەر ئۇيغۇر ياش گۋەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خىتاي تەرەپ ئەۋەتكەن سوراقچىلار بۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىش بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زادىلا سىغمايدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ سوراقچىلىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى بىر - بىرلەپ چاقىرتىپ سوراق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئىستىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ھەتتا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنىمۇ رەت قىلىدۇ.

خىتاي سوراقچىلىرى ئابابەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا تەھدىت سالىدۇ. ئۇلار: «سەنلەر بۈگۈن بىزگە ئېغىز ئاچمىغىنىڭلار بىلەن، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغىنىڭلاردا بەرىبىر ئېغىز ئاچىسىلەر. ھازىر ئامېرىكا ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار سىلەرنى باقالماستىن ئۆزلىرى بىزگە خەۋەر بەردى. شۇڭا بىز بۇ يەرگە كەلدۇق. تەقدىرىڭلار يەنىلا بىزنىڭ قولىمىزدا. ھازىر ئىپادەڭلار ياخشى بولمىسا، بىز سىلەرنى جۇڭگوغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن كۆرىدىغان كۈنۈڭلار بار تېخى!...» دەپ تەھدىت قىلىدۇ.

ئابابەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلار كۆڭلى غەش ھالدا سوراقتىن قايتىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي سوراقچىلىرىمۇ گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن غايىب بولىدۇ. تۈرمە ھاياتى بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامەلۇم كېلەچىكىنى كۈتۈپ ۋاقىت رىتىمىنى بىر كۈن بىر كۈندىن خورىتىدۇ…

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.