كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن(ئەڭ ئاخىرقى باب)
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2013.12.21
2013.12.21
بىزنىڭ ئاۋسترالىيەگە قوبۇل قىلىنغان ۋىزىمىز كەلدى. ۋىزىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتەننى، بىللە ئۆسۈپ، بىللە ياشىغان ئەل-يۇرتنى، دوست-يارەنلەرنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، خەلقىمىزنى تاشلاپ، ئەل-يۇرتى تونۇش بولمىغان يىراق يەرگە كېتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىغىنى ھېس قىلدىم. كەتكۈم كەلمەي قالدى، ھايات يولى نېمە دېگەن تەس!!!