قازاقىستان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيىلىمەكتە

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋامىدا راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. ئۆز ئۆتمۈشىدە بىر قاتار تارىخىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى بېسىپ ئۆتكەن ھەم ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگىمۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئەدەبىيات كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئابرۇيمۇ قازاندى.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزا، پوئىزىيە، دراماتورگىيە ۋە بالىلار ئەدەبىياتىغا ئوخشاش بىر نەچچە ساھەلەر بويىچە تەرەققىي ئەتتى. ئۆسۈپ كېلىۋاتقان ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە، ئۇلارغا مىللىي ئاڭنى سىڭدۈرۈشتە، بولۇپمۇ بالىلار ئەدەبىياتى چوڭ رول ئوينىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە مەزكۇر ئەدەبىيات ھەر خىل ژانىرلىرى ۋە تېمىلىرى بىلەن كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.

بالىلار ئەدەبىياتى ئۆز تارىخىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى، قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرۇشى سۆزسىز.

مانا شۇنى بىلىش مەقسىتىدە، بىز فىلولوگىيە پەنلىرى نامزاتى ھەدىيەم ئەخمەتوۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق.