قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (1)
2018.08.28
1-قىسىم: 71 ياشلىق تۇتقۇن
نىزامىدىن ھۈسەيىن 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۆجىزىلىك سەرگۈزەشتلەرگە ئىگە بىر شەخس. ئۇ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە 16 يېشىدا تاشقورغان پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ، بىرقانچە يىللىق جەڭلەردە كۆپ قېتىم يارىلىنىپ، «ئۆلمەس توختىمەت» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. «11 بىتىم» دىن كېيىن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يەكەندە تۈرمىدە ياتىدۇ. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1958-يىلى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، تاكى 1978-يىلىغىچە 20 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم تۈرمىدىن قېچىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ۋە قايتا تۇتۇلۇپ قامىلىدۇ. 1980-يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەقىدە تارىخى بويىچە كۆپلىگەن يىرىك ماقالىلەرنى يېزىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 71 يېشىدا يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزىدۇ. 1998-يىلى 3-ئايدا ئاخىرقى تىنىقى قالغاندا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆزلىگەندە ئۆزىنىڭ بۇ پۇرسەتنى 20 يىلدىن بۇيان كۈتۈۋاتقانلىقىنى، پەقەت ھۆر دۇنياغا قەدەم باسقان كۈندىن ئېتىبارەن دادىسى ھەققىدە گەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
جۈرئەت نىزامىدىننىڭ بايان قىلىشىچە، مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئۆيىدە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئىسىم-شەرىپى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇ توغرىلىق ئەل ئارىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ. ھەتتا چەتئەللەردىمۇ نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتلار كۆزگە چېلىقمايدۇ.
دادىسىدىن قالغان تەۋەررۈك يازمىلار ۋە خاتىرىلەرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىش خىيالىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» دا دادىسى ھەققىدە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
جۈرئەت نىزامىدىن مەرھۇم دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1997-يىلى 3-ئايدا 70 ياشتىن ئاشقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، تۈرمىدە ئوز ھاياتىدىن قىسقىچە بىر ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى، بۇ ئەسلىمىنىڭ مەرھۇمنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇشتا ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بىرىنچى قول مەنبە بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
جۈرئەت نىزامىدىننىڭ ئەسلىشىچە، دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا چۆمۈلگەن مەزگىللەر ئىكەن.
دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا تۇتقۇن قىلىنغان شۇ كۈنى كەچقۇرۇن جۈرئەت نىزامىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خىزمەت بىناسىدا كېچىلىك كوررېكتورلۇق خىزمىتى قىلىۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالىدۇ. ئەتىسى ئۇ قولغا ئېلىش قەغىزىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شىمالىي قوۋۇقتىكى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە دادىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بارىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەكبەر ئىسىملىك بىر ساقچى جۈرئەت نىزامىدىنغا ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق قولغا ئېلىش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بارلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا مەرھۇم ئىنقىلابچى، ئاخباراتچى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە نەچچە ئونلىغان يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھايات كەچمىشلىرىگە بېغىشلانغان كۆپ قىسىملىق رادىيو پروگراممىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلاتتۇق. مەزكۇر پروگراممىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.