چاغانلىق مەكتۇپ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتا-ئانىسى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن، كوچىدىكى بالىلار. 2018-يىلى خوتەن. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىپ، نۇرغۇن بالىلار ئىگە-چاقىسىز قالغان.
ئاتا-ئانىسى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن، كوچىدىكى بالىلار. 2018-يىلى خوتەن. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىپ، نۇرغۇن بالىلار ئىگە-چاقىسىز قالغان.
RFA/Abduweli Ayup

مەن ئۆمرۈمدە چاغانلىق مەكتۇپ يازمىغان. خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدە 11 يىلدىن ئارتۇق ياشاپ بىر قېتىممۇ چاغان ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. ئەمما 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىچكىرىدە ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدە چاغانغا داخىل بولدۇم. تۈگرە تۈگدۈم، ئەمما قىيمىدىكى نېمىنىڭ گۆشى، دېگەن سوئالنى مېڭەمدىن ھەيدەپ بولالماي يۈرىكىم قىيما قىلىنىۋاتقاندەك سوغۇق تەرلەپ كەتتىم. ئارىدا تۇبېركۇليوز ۋە ب-تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى مەھبۇسمۇ بىز بىلەن تۈگكەن دەلدەڭ قۇلاقلارنى تۈگرىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يېدىم.

ئىككى تەرەپتىن 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغان كامېرا مېنى تۈگرىلەرنى يېيىشكە زورلىدى. يېمىسەمچۇ؟ ماڭا «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقى بىلەن جازا تەييار ئىدى. چاغانلىق دەپ شۇ بىرلا قېتىم زەھەردەك قىممەت سېتىلغان قورۇمىلار، مېۋىلەر ۋە ئىچىملىكلەر پۇللۇق بولغان بىلەن بۇ تۈگرە ھەقسىز ئىدى. بىزنىڭ «ئاشقۇن» ياكى ئەمەسلىكىمىزنى ئايرىيدىغان بۇ سىياسىي تۈگرەنى يېدىم، ئەمما ھەر قانچە بەرداشلىق بەرسەممۇ بوغۇزۇمغا يېنىپ ئۇزاق قۇستۇم. قىزىلئۆڭگىچىم قاناپ كەتتى بولغاي ئاخىرى قۇسۇق ئەمەس، قان ياندى. خالانىڭ ئوچىقىدىن چىقىۋاتقان سېسىقچىلىق، ئاغزىمدىن ئېقىۋاتقان قان، كۆزۈمدىن قۇيۇلۇۋاتقان ياشلار تېلېۋىزوردا ياڭراۋاتقان شادىيانە چاغانلىق سادالار بىلەن پۈتۈنلەي زىت ئىدى.

قۇسۇپ بولالماي چىڭقىلىپ كەتكەن چېكە تومۇرلىرىمنى ئۇۋىلاپ ئولتۇرسام كامېرىنىڭ ئىچى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. مەنمۇ قالغان مەھبۇسلاردەك دەرھال پەگاھقا چۈشۈپ ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ تىزىلدىم. پۈتۈن خىيالىم قۇسۇپ تاشلىغان تۈگرىدە ئىدى. قۇسۇشنىڭ قەستەن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما كاللامغا دەرھال بىر سەۋەب كەلمەيۋاتاتتى. بوغۇزۇم بىلەن ئاشقازىنىم ئارىسىدا توختىماي يېنىپ بىئارام قىلىۋاتقان ھارام تۈگرىنى تولۇق چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن بارماقلىرىمنى ئاغزىمغا سالغىنىم راست ئىدى. ئەگەر بۇ كامېراغا چۈشكەن بولسا، قۇسۇشتىكى قەستەنلىك ئىسپاتلىنىپ قالاتتى.

تەلىيىمگە گۇندىپاي قۇسۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى سورىمىدى. ئەكسىچە چاغاندا ھەر بىرەيلەننىڭ ئۆيىمىزگە مەخسۇس چاغانلىق مەكتۇپ يېزىشىمىزنى بۇيرۇدى. خەتنىڭ مەزمۇنىدا چوقۇم پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قاماقخانىدا قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلىشى ۋە روھى جەھەتتىن داۋالاشلىرىغا بولغان رازىمەنلىك ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى.

خەتنى ئۇيغۇرچە يازساق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي قالدىم. بۇ مەن قامالغان بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرچە خەت يېزىش پۇرسىتى ئىدى. خەتنىڭ مەزمۇنى نېمە بولسا بولسۇن، ئۆيۈمگە مەندىن، تىرىكلىكىمدىن بىر خەۋەر يەتسە يېتەرلىك ئىدى. ئانام خەتلىرىمنى ئەتىۋارلايتتى. مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن باشلاپ يازغان كونسپىكلىرىمنى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئانام مېنى سېغىنسىلا دائىم ئوقۇپ يىغلاپ كېتىدىكەندۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئانامنىڭ مەن بېيجىڭدىكى چاغدا ئايدا بىرەر پارچە خوش ياقار-ياقماس يېزىپ قويغان خەتلىرىمنىمۇ ساقلاپ يۈرگەنلىرىنى بايقاپ بەكمۇ خىجىل بولغان ئىدىم. ئانام خېتىمنى ئوقۇسا، قىزلىرىم، ئايالىم، قېرىنداشلىرىم خەت يازغىدەك قۇربۇم بارلىقىنى بىلسە. . . بەلكىم خاتىرجەم بولۇپ قالار، دەپ ئويلاپ قەغەز-قەلەمنىڭ ماڭا تېگىشىنى ساقلىدىم.

ئوقۇمىغان ئادەملەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئاۋۋال ئولتۇرۇپ كامېر باشلىقىغا، ئاندىن كاتىپ ۋە ئاشپەزگە خەت يېزىپ بېرىشىم كېرەك ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئادەتتە گەپتە گاچىلاشمىغان بىلەن ئەدەبىي تىلدا قاملاشتۇرۇپ بىر جۈملە تۈزەلمەيتتى. بىرىنىڭ دادىسى، بىرىنىڭ ئانىسى يوق، ھەتتا بەزىلەرنىڭ سالام يوللىغۇدەك قېرىنداشلىرىمۇ باردەك قىلمايتتى. ئەمما ھەممىسىنىڭ كۆزى قەلەم-قەغەزدە ئىدى.

باشقىلارغا خىتايچە خەت يېزىپ بېرىپ ئاران كەلگەن ئۇيغۇرچە سالام خەت يېزىش ۋاقتىم ئىسراپ بولماقتا، بېرىلگەن ۋاراقلارمۇ تولا خاتا يېزىلىپ يىرتىلىپ تۈگەپ بارماقتا ئىدى. خىيالىم خەقلەر يېزىۋاتقان خەتتە ئەمەس، قالايمىقان يىرتىلىۋاتقان قەغەزلەردە ئىدى.

خەت يېزىشقا بېرىلگەن ۋاقىت قىسقىرىپ بىر سائەتچە قالغان، قەغەزلەرمۇ يىرتىلىپ پەقەت يىگىرمە بەتلا قالغان ئىدى. مەھبۇسلار قەغەزلەرنى تولا خاتا يېزىپ يىرتىپ ئىسراپ قىلىۋەتسە ماڭا كەلگەندە يەتمەي قالمىسۇن دەپ، ھەممىسىگە مەن يېزىپ بېرىدىغان بولدۇم. ئەتراپىمغا ئولاشقان خىتايلارنىڭ خەتلىرىنى بىر-بىرلەپ يېزىپ يولغا سالغاچ بىر بۇلۇڭدا قىزىل جىلىتكىسىنىڭ ياقىسى بىلەن يۈزىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرغان شاھمامۇتقا قارىدىم. ئۇ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ 12 ئايدىن بېرى ھېچ بىر سوئال سوراقسىز يېتىپ كەتكەن ئىدى، سىياسىي مەھبۇس بولغىنى ئۈچۈن ئائىلىسىگە خەت يېزىشقىمۇ يول قويۇلمىغان ئىدى.

قەغەزلەر بىر-بىرلەپ يىرتىلىپ ئاخىرقى بىر بەت قالدى. ئۆيۈمگە خەت يېزىشنى ئەمدى باشلاي دەپ تۇرسام باياتىن بېرى تامغا تىرناقلىرى بىلەن نېمىلەرنىدۇر سىجاپ ئولتۇرغان ئابدۇۋەلى قېشىمغا كەلدى. ئۇ خروئىنغا خۇمار بولغان بولۇپ، چېكىملىككە پۇل يوق ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلغان ئىدى.

ئابدۇۋەلى چىرايىمغا ئۈمچەيگەندەك قاراپ، - ئاكا ماڭا خەت يېزىپ بېرەمسەن؟ - دەپ سورىدى. بىر قەغەزگە، بىر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ماقۇل دەي دېسەم، قەغەز پەقەت بىرلا ۋاراق قالدى. ياق دەي دېسەم، ئۇنىڭ كامېرغا سولانغان ئىككى ھەپتىدىن بېرى تۇنجى قېتىم بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئادەمگە گەپ قىلىشى ئىدى. خىروئىن خۇمارى ئۇنى كامېرغا قامالغاندىن بۇيانقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە راۋۇرۇس قىينىغان ئىدى. ئۇ خۇمارى تۇتۇپ ۋارقىرىسا كامېر باشلىقى ئېغزىغا پايپاق تىقىپ قويغاننى ئاز دەپ قارا قىشتا يالىڭاچلاپ بېشىدىن سۇ تۆكۈپ زۇكام قىلىۋەتكەن ئىدى.

ئابدۇۋەلىنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان چوڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپ ئاخىرى نەپسىمدىن كەچتىم. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى جىيەن ئوغلۇم مىرئادىلغا بەكلا ئوخشاپ كەتتى. ئۇ خەتنى ماڭا پىچىرلاپ دەپ بەردى. ئابدۇۋەلىنىڭ دادىسى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كېچىسى يوقاپ كەتكەن ئىكەن. ئىككى ئوغۇل بىلەن تۇل قالغان ئانا تازىلىق ئىشچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ۋاراق قەغەز تۈگەي دەپ قالغاندا «ئانا، ئاخىرىدا سىزگە بىر سىرنى دېمەي دېسەم، بۇ سىر مېنى ئاقنىڭ خۇمارىدىنمۇ بەك قىيناپ كەتتى. سىز ئەمدى شەخسىي دوختۇرخانىدا ئايدا بىر قان سېتىپ ئاكامنى ئوقۇتىمەن دېمەڭ، ئۇنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىمەن، دېگىنى يالغان. ئۇمۇ مەندەك ئاق تاماكىغا ئۆگىنىپ قاپتۇ،» دېدى.

بۇ قۇرلارنى يېزىپ بولۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ بولغۇچە ئابدۇۋەلى ئۆكسۈگەن پېتى نېرى كەتتى. ئاڭغىچە ۋاقىتمۇ توشۇپ كامېر باشلىقى قولۇمدىن قەلەمنى تارتىۋالدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

تولۇق بەت