«ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى» ناملىق ماقالە ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ياخشىمۇ سىلەر؟ «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك يېڭى سانىغا خۇش كەلدىڭلار. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا «ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى» ناملىق ماقالىنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن ئازاد قاسىم تەييارلىغان «ۋىجدان ۋە ۋەتەن» ناملىق شېئىردىن ۋە پىدائىي تەييارلىغان «يوق» ناملىق ناخشىدىن بەھر ئالغايسىلەر. ئاخىرىدا سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.11


ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆز ئەنئەنىسىگە، قائىدە - يوسۇنىغا سادىق، ئائىلىسى، جەمئىيىتىگە مەسئۇلىيەتچان مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەجدادتىن ئەۋلادقا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نەسلى ۋە ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ساھەسىدىمۇ يارقىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە تېپىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، مەڭگۈ تاشلار، قەبرە يېزىقلىرى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئەنئەنىسىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى، قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە قايسى تىل ۋە ئۇسلۇبلار بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.