گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرىدە «يىپەك يولى» نامىدا ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئۇچرايدۇ. بۇ يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ميۇنخېندا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئىليار ئۆمەر 1990 - يىللاردا ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان قانچىلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاشلا قەلبىگە ئانا تۇپراقنىڭ ھەسرەتلىرىنى پۈكۈپ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە چىقىش يولى ئىزدەپ يۈرگەن ۋە ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەرنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەردىن ئىدى. تەقدىرنىڭ سوغۇق شاماللىرى ئۇنى 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئورتا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن ياۋروپانىڭ پاراۋوزى ھېسابلانغان گېرمانىيىگە ئەكېلىپ تاشلايدۇ.
شۇندىن باشلاپ ئۇ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە ئورۇنلىشىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنىڭ ۋەتەن يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە قوشۇلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىش ئىشىغا ئاتلىنىدۇ. ئىليار ئۆمەرنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان بېشىدىن كەچۈرگەن رېئال كەچۈرمىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە ئوخشاشلا ۋەتەنگە بولغان مەڭگۈ ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن…
ئىليار ئۆمەر 1964 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىدۇ. 1980 - يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىردىن - بىر پەن - تېخنىكىغا دائىر گېزىت - «شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى» دە ئىشلەيدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق ئىشى ئارخىپىغا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن گېزىتخانا رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي بېسىمىغا ۋە نازارىتىگە ئۇچرايدۇ. كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق ئۇنىڭ گېزىتخانىدا نورمال بىر خىزمەتچى خادىم سۈپىتىدە ئىشلىشىگە يول قويمايدۇ. ئاخىرى بولۇپ بېسىملاردىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ياشاش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىش يولى ئىزدەپ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىگە چىقىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىشى ئۇنى ئۈچىنچى بىر ئەلگە كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئۇ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ پاسپورتىغا ئۆز رەسىمىنى چاپلىتىش ئارقىلىق رۇسىيە يولى بىلەن گېرمانىيىگە كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. تەقدىر ئۇنى بارغانسېرى ۋەتەن بىلەن ئارىلىقى يىراق بولغان يات ئەللەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىپ ئاخىرى گېرمانىيە تۇپرىقىنى دەسسەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ياۋروپادىكى بۇ يات تۇپراققا بېسىلغان ھايات قەدىمى باشلىنىدۇ. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيۇشۇشى بىلەن شۇ يىللاردا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «بىرلىك» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 5 سان ژۇرنالنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشىدۇ.
0:00 / 0:00