«يورۇق ساھىللار» ۋە «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسىگە تەييارلانغان نادىر ئەسەرلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئەزىز قېرىنداشلار! مىلادى كالېندارى بويىچە 2012 - يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2013 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا سىلەر بىلەن «يورۇق ساھىللار سەھىپىمىز» ئارقىلىق دىدارلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز. يېڭى يىلدا ھەممەيلەنگە يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۇتۇق، غەلىبە ۋە شان - شەرەپ تىلەيمىز.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-12-29
Share


رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە سىلەرگە ئالدى بىلەن سەھىپىمىزنىڭ يېڭى پروگراممىسى «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» ئۈچۈن تەييارلانغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن بىر مىللەت ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، بەكمۇ زۆرۈر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ تەقەززاسىز تېما بولغان «مائارىپ مەسىلىسى» ھەققىدە بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ماقالە - ئەسەرلىرىمىزنىڭ يېڭى سانى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ئاندىن نادىر تېمىلىرى، تىرەن مەزمۇنلىرى ۋە جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن سەھىپىمىزگە رەڭ قېتىپ كېلىۋاتقان «شېئىرى ئەسەرلىرىمىزدىن» بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا، «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار بۇ ھەپتىلىك سەھىپىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.