ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھەققىدە ۋە روزا ھېيتلىق سالاملار

ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادا كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز كەسپىنى ئاتا مىراس سۈپىتىدە پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ئوخشاش بىر كەسىپنى بىر نەچچە ئەۋلاد توختىماي داۋاملاشتۇرغان ئائىلىلەرنى كۆپ كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىمىز.

2011.08.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بېزىلەر پەرزەنتلىرىگە ھۈنەر – سەنئىتىنى مىراس قالدۇرسا، بېزىلەر مال – بايلىقىنى، يەنە بېزىلەر ئەمەل – مەنسىپىنى مىراس قالدۇرۇپ كېتىدۇ. ئەمما شۇنداق كىشىلەرمۇ بار ئىكەنكى، ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت يولىدىكى كۈرەش ئېڭىنى، دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي، خەلقنى زۇلمەت – ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيىسىنى، ۋەتەن – خەلق ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت خىزمەت قىلىش پىكرىنى مىراس قالدۇرۇپ كېتىدۇ.

ئالدىنقى ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا ئەنە شۇنداق خەلق ئوغلانلىرىنىڭ پېشۋاسى، قەلبى ھۆرلۈككە تەشنا كىشىلەرنىڭ يولباشچىسى، زۇلمەتتە ئاداشقانلارنىڭ نۇرلۇق مەشئىلى، مەرىپەتچى ئۇستاز ئابدۇقادىر داموللامنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، 1924 – يىلى جاھالەتنىڭ ھامىيلىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنماقچى بولغان ئاتا مىراس ئىنقىلاب بايرىقىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، زالىم ياۋغا قارشى توختاۋسىز كۈرەش ئېلىپ بارغان ۋە ۋەتەن – خەلقنىڭ ھۆرلۈكىگە ئىنتىلگەن ھەققانىيەت تەرەپدارلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئېڭى ئۈچۈن ئاتىغان، مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر شائىر، جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ھەقىقەت

ھەقنى دوست تۇتقاي جاھاندا، ئەقلى بار ھەربىر كىشى،
ھەق ئۈچۈن قىلماق كۈرەش، چىن ئەھلى ۋىجداننىڭ ئىشى.
ھەق بىلەن ناھەقنى ئاجراتماققا دانالىق كېرەك،
كىم ئۇنى ئاجراتمىسا، يوقتۇر ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشى.

بىر مىسال باركى ھەقىقەت ئېگىلۇر سۇنماس دېگەن،
سۇندۇرۇشنى ئويلىغان ئەخمەقلەرنىڭ ئۇخلاپ چۈشى.
كىم ھەقىقەتنى ئۆزىگە قىلمىسا يان قورال،
كەتمىگەي ئۇنىڭ بېشىدىن ناھەقىقەتنىڭ مۇشى.

ئاقىۋەت مۇنداق كىشى پۇشايمان ئوتىدا ئۆرتۈنۈپ،
قورىلۇر ئۆزىنىڭ يېغى بىرلە ھامان ئۆزىنىڭ گۆشى.
كىمكى ياشلىق ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە پۇشمانسىز ئەگەر،
جان چىقار ھالەتتىمۇ، ھەمراھ بولۇر كۆڭۈل خۇشى.

1978-يىل

روزا ھېيتلىق سالاملار

بىز ھازىر 11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان مۇبارەك رامزان ئېيىنى تۈگىتىپ، روزا ھېيتنىڭ ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ كۈنلەردە، قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان قايناق ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ – ئەلۋەتتە. چۈنكى ھېيت---خۇشاللىق ۋە تەنتەنە كۈنى. ھېيت---ھېس – تۇيغۇلار جۇش ئۇرۇپ، ئىززەت – ئېھرام، ھۆرمەت – ئىلتىپات ئەۋجىگە چىقىدىغان كۈن.

شۇنداقلا، ھېيت-ئۆز ئارا ياردەملىشىش،  يوقلىشىش ۋە ئەپلىشىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇرسەت كۈنى.

ئەمدى مۇشۇ خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقى، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئەھمىيەتلىك كۈنلەر ئىكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كۈنلەرگە قانداق تەييارلىق كۆرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ياش دىنىي زىيالىيلىرىمىزدىن مۆمىنجان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەزىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز! يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھېيت-تەنتەنە ۋە خۇشاللىق كۈنى. پۈتۈن ئىسلام ئالىمى بەخت – سائادەتكە چۆمىدىغان، بارچە مۇسۇلمان باشقىچە ھاياجانغا چۆمۈپ، ھېس – تۇيغۇلىرى ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە جۇش ئۇرىدىغان كۈن. دوست – بۇرادەرلەر، يار – يارەنلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ كۈننىڭ شەرىپىگە تەنتەنە قىلىدىغان كۈن. لېكىن ھەر ئىشنىڭ يولى، قائىدىسى بولغاندەك، ھېيت – ئايەم ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە – يوسۇنلىرى، قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرى، رۇخسەت ۋە چەكلىمىلىرى بولىدۇ – ئەلۋەتتە. چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىنساننى بالا – قازاغا ئۇچرىشى ياكى ھەسرەت – نادامەتكە قېلىشى مۇقەررەر.

ئۇنداقتا، مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەمنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى، قانداق ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم؟ مانا بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ياش دىنىي زىيالىيلىرىمىزدىن ئابدۇلۋارىس قارىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئارقىلىق ئېرىشكەيمىز.



ۋەتەن سۆيگۈسى

ئابدۇلئېزىز مەخسۇم

جىگەر پارە، يۈرەك يارە، سىقىلسا تەن ئارا جانىم،
ۋەتەن دەردى غېمى مىللەت بىلەن ئۆلسەم يوقتۇر ئارمىنىم.
ۋەتەن دەپ، دىنۇ مىللەت دەپ، بېشىمغا ھەر بالا كەلسە،
بىلەرمەن بەختۇ ئىقبالىم، شەرەپلىك پەخرۇ ئۇنۋانىم.

دەرىخا، ۋەتىنىمنى غەيرىلەر زورلاپ بېسىپ ئالغاچ،
يۈرەك باغرىم كۆيۈپ، قانىم قىزىپ، قاينايدۇ ۋىجدانىم.
بۈيۈك تارىخ، ئازاد مىللىتىم قۇللۇققا ئايلانغاچ،
پەقەت تاقەت قىلالماي ئۆرتىنىپ يانماقتا ھەريانىم.

قېيىپ باشىم، ئېقىپ ياشىم، چۈشۈپ روھۇم، سۇنۇپ كۆڭلۈم،
ئوراپ غەم-قايغۇ ھالىمنى يېتىشمەي چارە دەرمانىم.
ئېزىلدىم، بىقارار ئۆلدۈم ۋە لېكىن بولمىدىم نائۈمىد،
سەۋەب كىم ۋاقىتلىكتۇر بۇ ئېزىلگەن، بۇ سىقىلغانىم.

نىشانەمگە ئېرىشمەككە ئىشەنچىم زور، تولۇق چۈنكى،
دېگەچ ھۆرلۈك ئۈچۈن قانداش-تىلەكداشلار پىدا جانىم.
تۇر ئەي تۈرك ئوغلى بۇ ئار-نومۇسنى كۆتۈرمەستىن،
تېنىڭ ئىرغات، كۆزۈڭ ئاچ، باش كۆتۈر ئەۋلادى تۇرانىم.

ئوغۇزخان چوڭ بابام ئاپراسىياپ، ئاتىللا، بۇغرالار،
بۈيۈك كۆك تۇغلىرىن دەپ كۆككە يەتتى ئاھ تارتقانىم.
بۈيۈك ئالتۇن، كۈمۈش ئوردا قۇرۇلغان چاغدا شۇل تۇغنى،
قۇچاقلاپ تۇرغىنىمدا ئاقسا ئارمان يوق قىزىل قانىم.

ساقال-ساچىم قىزىل قانغا بويالماستىن قازا قىلسام،
يۇمۇلماستىن كۆزۈم، دىلدا قالۇر ھەسرەت ۋە ئارمىنىم.
ئېرىشمەك ئەركىن-ئازادلىققا ھەققانىي كۈرەش بىرلە،
ئاسارەتتىن ۋەتەن-مىللەتنى قۇتقۇزماق مېنىڭ شانىم.

ئۇلۇغ تەڭرىم بۈيۈك تۇرانىمىز ئەسلىگە كەلتۈر،
ئېقىت ئەسلى ئېقىندا سۇنى پەزلىڭ بىرلە رەھمانىم.
تىلەك ئارمانلىرىم ۋەتەن-مىللەتكە ئەركىن-ئازادلىق،
ساڭا روشەن مېنىڭ مىللەت-ۋەتەن دەپ زارلانغانىم.

ھەبىبىڭ ھۆرمىتى، يارەب ئىجابەت قىل دۇئايىمنى،
ماڭا رەھمەت ئەيلەبان ھەر مۇشكۈلۈمنى ئەيلە ئاسانىم.
ۋەتەن سۆيمەك ھەقىقىي دىنى ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر،
«ئەزىزى» شۇدۇر ھۇببۇل ۋەتەن تارىخى ئىمانىم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.