ياۋروپا تۇپراقلىرىدا ئۇيغۇرلۇق ئىزدەپ: رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە ئۇنىڭ سەنئەت قارىشى ھەققىدە (2)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.09.27
Merwayit-Hapiz-03.jpeg رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن.
Social Media

«مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى» دەيدۇ نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز ئۆز ئەسەرلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ.

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ئەينى زاماندىلا ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلۇشقا باشلىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، غەرب دۇنياسىغا يەرلەشكەن تۇنجى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن 23 يىل جەريانىدا ئىجادىيەتتىن ۋاز كەچمەي بەلگىلىك ئورۇن ۋە نوپۇز قازانغان رەسساملارنىڭمۇ بىرىدۇر. 

ئۇنداقتا، مەرۋايىت ھاپىز كىم؟ ئۇ ئۆز رەسىملىرىدە قانداق تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ 

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز قۇمۇل دىيارىنىڭ ئاستانە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1976-يىلى ئۈرۈمچى سەنئەت مەكتىپىگە رەسىم كەسپىدىن تاللىنىپ ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن 1979-1983 يىلىغىچە غەربى-شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ مايبوياق كەسپىنى تامالىغان.

ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە 1983-يىلىدىن، 1996-يىلغىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن ئىجادىيەتلەرنى ئىشلىگەن ھەم نۇرغۇنلىغان مەملىكەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللانغان. 

ئۇ 1996 گېرمانىيەگە كەلگەندىن بۇيانمۇ توختىماي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسەن ئۇيغۇرلار ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن شەخسى كۆرگەزمىلەرنى ئاچقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ميۇنخېن شەھىرىدىكى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ، سەنئەت مۇزېيلىرىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ۋە كۆپ قېتىملاپ مەتبۇئاتلاردىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇ 2010-ۋە 2013-يىللىرى تۈركىيە سەنئەت سالونىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەنئەت سارايلىرىدا ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويغان.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە رەسسام ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى، سەنئەت قارىشى ۋە رەسىم ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولغان ئامىللارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.