پاكىت تەكشۈرۈش: ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ _ جاۋ لىجيەننىڭ «پىتنە تارقىتىپ قارا سۈركەش» دېگەنلىرى راستمۇ؟

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ئەي ما
2022.12.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
pakit-tekshurush-zhao-lijian-1.jfif
Photo: RFA

خاتا چۈشەنچىگە باشلاش

ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر كۈنى جانغا زامىن بولغان پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان شىكايەتلىرى توردا تارقىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا دائىرىلەرنىڭ قاتتىق رەۋىشتە يولغا قويغان يۇقۇم قامالى تەدبىرلىرىنىڭ ئوت كەتكەن بىنادىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا توسقۇلۇق پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ شىكايەتلەر خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ، ئۈرۈمچىنىڭ بىرقانچىلىغان مەھەلىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قامال توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى ھەمدە «قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش»نى تەلەپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەتتا چەت ئەللەردە كوچىلارغا چىقىپ كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈشتەك بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قانات يايدى.

بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كۈچلەر، بۇ قىتىمقى ئوت ئاپىتىنى يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى بىلەن باغلاۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاللىقاچان بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى شەرھىيلىدى، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى پىتنە-پاساتلار ۋە قارا سۈركەشلەرگە رەددىيە بەردى.»

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى، ئوت ئاپتىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بىلەن يۇقۇمدىن ساقلىنىش قامال تەدبىرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرسە، توردا «لى جوڭكې» دېگەن نام بىلەن ئىنكاس يازغان بىرسى، بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە قوزغاپ: «ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يۇقۇرى ئاۋازدا <ئ‍ىشىكنى ئاچ> دەپ ۋاقىرىغان ئاۋاز، ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىكى ئاۋاز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، بۇلارنىڭ كىرىشتۈرۈلگىدىن گۇمانىم بار» دەپ يازغان.

ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش تەجىربىخانىسىنىڭ ئانالىز يۈرگۈزۈپ بايقىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن كەم دېگەندە 5 كىشى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان. ئۇلار ئىشىكنى ئىچىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش ياردىمىگىمۇ ئىرىشەلمەي ئاخىرىدا قازا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىشنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ توغرىلىغىنى ئاقلىماقچى بولغان.

چوڭقۇر ئانالىز

  11- ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ جىشياڭيۈەن مەھەللىسىدىكى ئېگىز بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. «تەڭرىتاغ تورى» 11- ئاينىڭ 26-كۈنى دىكى خەۋەر بېرىپ، مەزكۇر ئوت ئاپىتىدە 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىگى، 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئۇچۇر بەرمىدى. بۇ قېتىملىق پاجىئەنىڭ نەق مەيداندا تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ھالىتىدە ياشاۋاتقان خىتاينى قاتتىق چۆچۈتتى. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، كەڭ خەلق ئاممىسى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەكتىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرىگە بولغان قارشىلىقلىرىنى تور دۇنياسىدىن كوچىلارغا ئىلىپ چىقتى. بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تېزلا خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە، ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ كېڭەيدى. نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئ‍ەۋجىگە چىقىپ، نامايىشلارنىڭ مەزمۇنى خىتاينىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقتىن، كومپارتىيىگە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭغا قارشى تۇرۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

11-ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن ۋاقتىدا مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كۈچلەر، بۇ قىتىمقى ئوت ئاپىتىنى يەرلىكنىڭ يۇقۇمدىن قوغدىنىش سىياسىتىگە باغلاۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاللىقاچان بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى شەرھىلىدى، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى پىتنە-پاساتلار ۋە قارا سۈركەشلەرگە رەددىيە بەردى.»

pakit-tekshurush-zhao-lijian-2.jpg

جاۋ لىجيەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئوت ئاپىتىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى بىلەن باغلاش «پىتنە تارقىتىپ قارا سۈركەش» دەيدۇ

جاۋ لىجيەن تىلغا ئالغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 24 -نويابىردىكى ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدۇر. بۇ يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ باشلىقى خەمىت مەمتىمىن، شۇ رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەھەللە، ئاھالىلەر رايونى ھەم نەق مەيداندىكى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندا ئىشىكلەرنىڭ تۆمۈر سىملار ئارقىلىق باغلاپ قويۇلغان ياكى تاقىۋېتىلگەن ئەھۋالنىڭ بولمىغانلىقىنى، بىنادىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى بىلەن ھەرقايسى كورپۇسلارنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تاقالمىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. ئۇ يەنە: « ئوت كەتكەن بىنانىڭ ھەرقايسىي قەۋەتلىرىنىڭ چىقىش ئىشىكلىرىنىڭ تۆمۈر سىملار بىلەن باغلاپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن توردىكى سۈرەتلەر، كىسىپ-ئۇلانغان بولۇپ، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر.»

ئۇ يەنە 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللىنىڭ «يۇقۇرى خەتەرلىك رايون»دىن «تۆۋەن خەتەرلىك رايون»غا چۈشۈرۈلگەنلىگىنى ئېيتقان. ئارقىدىنلا تەڭرىتاغ رايونلۇق يۇقۇمدىن قوغدىنىش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشى ئارقىلىق، مەزكۇر مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، تەرتىپلىك ھالدا بىنادىن چۈشۈپ مەھەللە دائىرىسىدە پائالىيەت قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىلىق چىقىرىلغان بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

pakit-tekshurush-axbarat-elani-3.jpg

ئۈرۈمچى شەھىرى «24-نويابىر» ئوت ئاپىتى ۋەقەسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ

دەل ئاشۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېنشېڭ، ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئ‍ېغىر دەرىجىدىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى مۇنداق تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان: «ئوت كەتكەن ئۆيدىكى توك يوللىرى بىلەن توك مەنبەسى ئۆلچەمگە مۇۋاپىق ئەمەس؛ دائىم يېپىقلىق تۇرىدىغان ئوتتىن مۇداپئەلىنىش ئىشىكى يېپىلمىغان؛ مەھەللىنىڭ يوللىرى تار بولۇپ، شەخسىي ماشىنىلار قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان؛ ئايرىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز.»

شۇ كۈنى كەچتىن 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەرگىچە، بىر قىسىم شاڭخەي شەھەر ئاھالىلىرى شاڭخەيدىكى «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى»غا يىغىلىپ، ئىستىخىيەلىك شەكىلدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن. كىيىنچە بۇ پائالىيەت دائىرىلەرنىڭ يۇقۇم ساقلىنىش ئۈچۈن قوللانغان قاتتىق قامال تەدبىرلىرىگە قارىتا بىر مەيدان قارشىلىققا ئايلانغان، ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ باش سېكىرتارى شى جىنپىڭنى جاۋابكقارلىققا تارتىدىغان يىغىلىشقا ئايلانغان.

خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاممىۋى قارشىلىق ھەركەتلىرى ئىنتايىن تىزلىكتە ۋە ئۈزلۈكسىز پارتلاشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلار، كۈچىنىڭ بىرىچە يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى بىلەن ئوت ئاپىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يوققا چىقىرىدىغان؛ ئوت كەتكەن بىنا جايلاشقان مەھەللىدىكى قېچىش ئىغىزلىرىنىڭ سۈنئىي ھالدا توسۇۋېتىلگەنلىكىدەك توردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى «يالغان» چىقىرىدىغان تەشۋىقاتنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت تەرەپ يەنە خەلق ئارىسىدىكى خۇسۇسى تاراتقۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، تورلاردا تارقىلىپ يۈرگەن «ئاساسسىز ئۇچۇرلار» نى كۆپ نۇقتىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

«ئىشىكنى ئېچىۋېڭلار» دېگەن ئاۋاز قانداقلارچە «يالغان»غا چىقىرىلدى؟

خۇسۇسى تاراتقۇ چوڭ ۋ لېيسىلىن (لەقىمى: لېي ئاكا سۆزلەيدۇ) تورلاردا ناھايىتى تېز تارقالغان «پىتنە-پاساتنى رەت قىلىش» مەقسىتىدىكى «شىنجاڭدىكى ئوت ئاپىتىدىكى يالغانلار ۋە مىش-مىشلار» دېگەن يازمىنى ئىلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى بىلەن ئوت ئاپىتىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى دەلىللىمەكچى بولغان: «بىرىنچىدىن، مەھەللىدىكى بىنالارنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلانمىغان؛ ئىككىنچىدىن، ۋەقە يۈز بەرگەندە مەھەللا <تۆۋەن خەتىرلىك رايون> دەپ بىكىتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بىنادىن چۈشۈشىگە رۇخسەت بېرىلگەن؛  ئۈچىنچىدىن، مەھەللە يوللىرى تار ۋە قولايسىز بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ نۇقتىغا يېقىنلىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت». ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «سىن كۆرۈنۈشلىرىدىكى ئادەمنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىدىغان <ئىشىكنى ئىچىۋىتىڭلار> دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازلارغا كەلسەك، ئۇ ئىلگىرى كۆكخوتتا يۈز بەرگەن ۋەقەدە <ئىشىكنى ئىچىۋىتىڭلار> دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش». «بۇ ئىككى ۋەقەدىكى ئاۋازنى كېسىپ-ئۇلاپ بىرىكتۈرۈپتۇ، نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» (ئۇ يەنە بىر ھېساۋاتىدا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى يازمىسىدا بۇ جۈملىنى «كېسىپ-ئۇلاپ تەھرىرلەش مۇمكىنچىلىگىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ» دەپ ئۆزگەرتكەن). لېي سىلىن يازمىسىدا كىشىلەرنى ئىھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «چەكتىن ئاشقان يۇقۇمدىن قوغدىنىش بىر خىل كېسەللىك، لېكىن ھەممە ئىشنى يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرىگە دۆڭگەپ قويۇشمۇ ئوخشاشلا تەپەككۈر نامراتلىقىدۇر.»

لېي سىلىن ئ‍ىيتقان «كۆكخوت ۋەقەسى»، 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىچكىي موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر پاجىئەلىك ۋەقەدۇر. بۇ ۋەقەدە بىر ئايال بىنادا يىقىلىپ چۈشكەن، ئۇنىڭ قىزى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاپىسىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما سىم بىلەن كەپشەرلەنگەن تۆمۈر ئىشىكتە توسۇلۇپ قېلىپ، «ئىشىكنى ئىچىڭلار» دەپ پەريات سېلىپ يىغلىغان ئىدى.

لېي سىلىن ئىيتقان ئاۋاز بىلەن سىن كۆرۈنۈشىنى كىسىپ ئۇلىغان مەسىلىگە قارىتا، ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈپ دەلىللەش تەجىربىخانىسى توپلىغان ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تارتىلغان ئوت ئاپىتىنىڭ نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىدە «ئىشىكنى ئىچىۋىتىڭلار» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاۋازلارنىڭ بەزىلىرى نىسبەتەن ئوچۇق، بەزىلىرى يىراقراق ئارىلىقتىن تارتىلغان ياكى سىنغا ئالغۇچىنىڭ ئاۋازى ۋارقىرىغان ئاۋازنى توسۇپ قويغان. بۇ ئاۋازلار ئوچۇق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئىچكىي موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوتتىكى ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ «ئىشىكنى ئىچىۋىتىڭلار» دەپ توۋلىغان ئاۋازى گەرچە ئوخشاشلا ئىچىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما تەلەپپۇزىدىن تارتىپ ۋارقىرىغان مەزمۇنغىچە روشەن ھالدا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇ قېتىملىق پاجىئە ئاھالىلەرنىڭ «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغانمۇ»؟

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ «ئوت كەتكەن بىنادا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكلىرى ۋە كورپۇسلارنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىۋېتىلمىگەن» دېگەن باياناتلىرى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

ئۇيغۇر رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئاز بولمىغان تورداشلار ھۆكۈمەت تەرەپنى ئەيىبلەيدىغان «تۆمۈر سىم بىلەن تاقىۋېتىلگەن ئىشىكلەر»نىڭ رەسىملىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈپ دەللىلەش تەجىربىخانىسى، بۇ ماتېرىياللارنىڭ چىنلىقىنى مۇئەييەنلۈشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاز دېگەندە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە ئاخباراتى چىنلىقىنى دەلىللىگەن بىر ئۈندىدار توپىدىكى ئاممىۋى سۆھبەت خاتىرىسىدە تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن بەزى ئەھۋاللار جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن بىنادىكى ئىككى كورپۇسنىڭ 19-قەۋىتىدىكى بەزى ئاھالىلار ئۆز ئۆيىگە سولىنىپ قالغان بولۇپ، ئىشىكنى ئىچىپ قىچىپ چىقىشقا ئامالسىز قالغانلىقى دەلىللەنگەن.

pakit-tekshurush-tor-sohbiti-4.jpg

يەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات-تاراتقۇلىرى دەلىللىگەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ سىن فىلىمى

كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1901-نومۇرلۇق ئۆيگە سولىنىپ قالغان 48 ياشلىق قەمەرنىسا ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ تۆت پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ تۈركىيىدىكى ئىككى چوڭ پەرزەنتىنى زىيارەت قىلدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ (NPR) مۇخبىرى بىلەن فرانسىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ (AFP) مۇخبىرى  يەنە قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ شىۋېتسارىيەدىكى جىيەنلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك بۇ قەمبەرنىسا ۋە ئۇنىڭ تۆت پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىغىنى بىلدۈرگەن. 27 ياشلىق مەمتىمىن، يۇرتىدىكى يىقىنلىرىنىڭ زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەسىتىنىڭ رەسىمىنىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۈرۈشتە قىلىپ تېپىۋىلىشى ۋە جازالىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىدىن بۇ سۆھبەت خاتىرلىرىنى يۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

سۆھبەت خاتىرىسىدىن 1901-نومۇرلۇق ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشىكنى ئاچالمىغانلىقىنى، قۇتقۇزغۇچى خادىملاردىن ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىشىنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دەل ۋەقەدە قازا قىلغۇچى قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەنلىگى ئايان بولغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىيۇسى ۋە فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، 2017-يىلى بۇ ئائىلىدىكى ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلاردىن ئىككەيلەن تۈركىيىگە بارغان ئاشۇ يىلى، ئۇلارنىڭ دادىسى، يەنى قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ يولدىشى قولغا ئىلىنغان. ئۇنىڭدىن كىيىنلا ئ‍ۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياسالغان جازا لاگېرىغا، يەنى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ «كەسپى ماھارەت بويىچە تەربىيلەش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغان ئورۇنغا سولانغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ئەزالىرى مۇشۇنداق بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ياشايدىغان قىسمەتكە دۇچار بولغان.

pakit-tekshurush-qemernisaxan-ailesi-5.jpg

قازاغا ئۇچرىغۇچىلار: شەھىدە، 13ياش، نەھدىيە 5 ياش، قەمەرنىسا ئابدۇراخمان 48 ياش، ئابدۇراخمان 9 ياش. يەنە 11 ياشلىق ئىمران بۇ رەسىمدە يوق.

سۆھبەت خاتىرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشىدە قۇتقۇزۇشقا ئىلتىجا قىلىپ قۇتۇلغان 1601 -نومۇرلۇق ئۆيدىكى مۇنىرە ئەھمەت، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى _ «شىنجاڭ گېزىتى» (تەڭرىتاغ تورى) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، «مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ بىنادىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلسا بولىدىغانلىقى، بىنادىكى كورپۇس ئىشىكلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئوچۇق ھالەتتە تۇرغانلىقى، ھېچقاچان تۆمۈر سىم بىلەن باغلىنىپ توسۇپ قويۇلمىغانلىقى ۋە كەپشەرلەنمىگەنلىكى» ھەققىدە ئىسپات بەرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مۇنىرە ئەخمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئىلان قىلىشىدىكى مەقسىتى – «ئاھالىلەر راستىنلا بىنادىن ئەركىن چۈشەلەيدۇ، ئىشىكلەرنى قامال قىلىپ ئېتىۋالغان ئەھۋال يوق» دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا تارقالغان يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرىدىن گۇمان قىلىنغان ھەر خىل سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلەرنى ھۆكۈمەت تەرەپ بىردەك «كىسىپ-ئۇلانغان» ياكى «ساختا ياسالغان» دەپ تەنقىدلىگەن. لىكىن «تەڭرىتاغ تورى» مۇنىرەنىڭ كەچمىشلىرىنى خەۋەر قىلغان ۋاقىتتا، يوقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئۈندىدار توپىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ ھۆكۈمەت تەرەپ راستلىقىنى دەلىللىگەن بىردىن-بىر سۆھبەت خاتىرىسىدۇر. دەل مۇشۇ سۆھبەت خاتىرىسى بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغانلىقىنى، ئىشىكنى بۇزۇپ ئىچىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاشۇ كۈنى ئوت كەتكەن بىنادىكى كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغانلىقى، ئىشىكنى ئىچىۋىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈنلۈك ۋارقىرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا تەزىيە بىلدۈرۈشكە يول قويۇلمىغانلىقىنى دەلىللىگەن. نۇرغۇنلىغان ئامما توردا ياكى نامايىش مەيدانلىرىدا دائىرىلەردىن قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىنى ھەم ئ‍وچۇق -ئاشكارا ھالدا ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەلەپلەر باشتىن-ئاخىر رەت قىلىنغان. ئەكسىچە، ھۆكۈمەت تەرەپ «قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە پىتنە-پاسات تېرىغان» دەپ قارىغان كىشىلەرنى قولغا ئالغان، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى بىردەك، ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى بىلەن يۇقۇمدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىشنىڭ يوقلىقى توغرىلىق جار سالغان.

تەكشۈرۈپ-دەلىللەش خۇلاسىسى

ئۈرۈمچىدە جانغا زامىن بولغان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، مەيلى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋەكىللىك قىلغان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» ۋەكىللىك قىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بولسۇن، ۋە ياكى ئايرىم ساندىكى «ئاكتىپلىق بىلەن پىتنە-پاساتلارنى رەت قىلىۋاتقان» بىر قىسىم تورداشلار ھەم شەخسىي تاراتقۇلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش سىياسىتى بىلەن بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار ئاممىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، مەسئۇلىيەتنىڭ يەرلىكتە ئىكەنلىكى، ھەتتا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىگە ئاۋامنى ئىشەندۈرمەكچى، شۇنداقلا خەلقنىڭ غەزىپىنى باسماقچى بولغان.

تەكشۈرۈپ-دەلىللەش نەتىجىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، جاۋ لىجيەن قاتارلىقلار بازارغا سالغان «پاكىتنىڭ ھەقىقىي يۈزى» دېگەن باياناتلار ئەمىليەتتە ھەرگىزمۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي يۈزى ئەمەس!

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

  1. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىلى 28-نويابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان سىن فىلىمى:

https://www.youtube.com/watch?v=9vhEU_HAN2w

  1. تەڭرىتاغ تورىنىڭ «تۆت سۇئال» خەۋىرىنىڭ ئۇلانمىسى:

ئۈرۈمچى «24-نويابىر» ئوت ئاپىتى ھەققىدە تۆت سۇئال_تەڭرىتاغ تورى_شىنجاڭ خەۋەر سۇپىسى (ts.cn)

  1. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرى، 19-قەۋەتتىكى قازا قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى:

https://www.rfa.org/english/news/uyghur/blaze-11292022180748.html

  1. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ كۆكخوت ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرى:

https://www.rfa.org/mandarin/Xinwen/cmh2-11072022051836.html

  1. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى، توردا تارقالغان ئوت كەتكەن بىنادا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ سۆزلىشى خاتىرىسىنىڭ سىن فىلىمىدىكى، 1901 نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئىشىكنى ئۆزى ئاچالمايۋاتىدۇ، دەپ ياردەم تەلەپ قىلغان كىشىنىڭ قازاغا ئۇچرىغان قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەنلىگىنى دەلىللىدى:

Uyghur man's agony after five relatives died in Urumqi fire (france24.com)

  1. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) 19-قەۋەتتىكى قازاغا ئۇچرىغۇچى قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ جيەنى ئابدۇلھاپىز مەمەتئىمىننى زىيارەت قىلدى:

https://www.keranews.org/2022-11-28/chinese-protesters-demand-an-end-to-covid-restrictions-and-communist-rule

ئارقا كۆرۈنۈش ماتىرىيالى: ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرىنىڭ، ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىشى بويىچە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ۋىكى تور بېتى:

شىنجاڭ تەربىيەلەش لاگېرى_ۋىكى ئېنسىكپلودىيەسى، ھۆرلۈكنىڭ ئېنسىكپلودىيەسى (Wikipedia.org)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.