2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان.
يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
