ئىنقىلاب دېگەن مۇنداق بولمامدۇ!؟

كۆپلىگەن كىشىلەر بارغانسېرى تۇنىس ئىنقىلابى، مىسىر ئىنقىلابىنى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەپ ئاتاشقا باشلىدى. مىسىر خەلقى 30 يىل تەييارلىق قىلدىمۇ ياكى 30 كۈن ياكى 3 كۈن تەييارلىق قىلدىمۇ، بىراقلا پارتلاپ چىقتى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.02.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاياللار، ھەتتا بالىلارمۇ مىسىر دېموكراتىك ئىنقىلابچىلىرى ۋە نامايىشچىلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى. مىسىردا 1-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلانغان نامايىشچىلار قوشۇنى بۈگۈن ئەتىگەندە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

پرېزىدېنت مۇبارەك ھازىرغىچە تېخى تەختتىن چۈشمىدى. ئۇ ھۆكۈمەت كابىنېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ باقتى. لېكىن، مىسىر خەلقى قوبۇل قىلمىدى. خەلق پەقەت 30 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ھۆكۈمەتنىڭ، مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىنقىلاب توغرىسىدا يازغان نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ئىشسىزلىق، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش مۇددىئالىرى، ئىز باسار بەلگىلەشكە قارشى تۇرۇش مۇددىئالىرى ۋە مۇبارەكنىڭ مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە قارشى مەقسەتلىرى ۋەھاكازالار نى بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب قوزغىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشتى.

مېنىڭچە، بۇ ئىنقىلاب ئەرەب دۇنياسىدا ھوقۇقچىلىق ئىدىيىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ غايىۋى جىملىقتىن شىددەتلىك ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەربىر مىسىرلىقنىڭ ھوقۇقچىلىق ئېڭىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ قېتىم مىسىر ئىنقىلابى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا كۆتۈرۈلۈپ غەلىبە قىلغان ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك باش كۆتۈرگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى. بىراق پەرق شۇ يەردىكى، ئەرەب مىللەتچىلىكى بۇ قېتىم نوقۇل دىنىي ھەلەكچىلىك بىلەن ئەمەس، دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلىق، دېموكراتىك ھوقۇقچىلىق ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى دېموكراتىك ئويغىنىشقا چاقىرىق قىلغان قوزغاتقۇچى خاراكتېرلىك ئىنقىلاب بولۇپ قالدى.

مىسىر ئۈزۈل-كېسىل ئىنقىلاب قىلىشى كېرەك دەپ تۆنىدى مىسىرلىقلار. مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتىنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئاخىرلىشىشى كېرەك ئىدى. مىسىر ئىنقىلابى بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە كېڭەيگەندىن باشقا، ھەتتا بۇ ئىنقىلاب ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭىيىشى مۇمكىن.

پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنى مۇستەبىت دېدۇق. ئۇ بۇ قېتىم نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردىمۇ؟ ياق! پرېزىدېنت مۇبارەك ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ، دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارىي خانىمنىڭ، گېرمانىيىنىڭ ۋەزىرى ماركېل خانىم قاتارلىق دۇنياۋى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەت-پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، دەسلەپتە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تانكا، برونىۋىكلەرنى ھەيدەپ شەھەرگە كىرگەن مىسىر ئارمىيىسى نامايىشچىلارغا قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقارمىدى. ياش بالىلار تانكىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشتى. ئانىلار پەرزەنت ئەسكەرلەرنى سۆيۈپ رازىلىقىنى ئىپادىلىدى. مىسىر ئارمىيىسى خەلقنىڭ ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. مىسىر خەلقى بۇ ئارمىيىنى بېقىپ تەربىيىلىگىنىگە خۇش بولدى.

پرېزىدېنت مۇبارەك، مۇستەبىت دەپ تەرىپلەنسىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىغا، بۇ ئادەمنىڭ بۇ قېتىم مىسىر خەلقىگە ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراپ، گەرچە ھازىرغىچە ھوقۇق تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈم رەھمەت ئېيتىشنى راۋا كۆردۈم. پەقەت مۇشۇنداق داھى بولغان يەردىلا مۇشۇنداق ئىنقىلاب بولىدۇ خالاس. مىسىر ئىنقىلابىدىن قورقۇپ كەتكەن ۋىن جياباۋ چاغان كۈنى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەيمەن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيمەن دەپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىپ نۇتۇق سۆزلىدى. لېكىن، ئىنقىلاب قىلىش ئۈچۈن بىر خەلق- ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن بىر خەلق بولۇشى كېرەك-تە!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.