كازافىنىڭ ئۆلۈمى ۋە خىتايلارنىڭ كۆز قاراشلىرى

كازافى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلدى، بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تەرەپ شۇكى، خىتايدا تور بەتكە چىققۇچىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەك تەسىرلەندى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.10.28

خىتاي پۇقرالىرى ھەر قايسى تور بەتلىرىدە كازافىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى مۇنداق دېدى:«كازافىنىڭ تۈگەشكىنىگە ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مۇستەبىت، زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسى ئوخشاش بولىدۇ، دۆلەت ئىچىدە پۇقرالارنى باستۇرىدۇ، دۆلەت سىرتىغا خۇشامەت قىلىدۇ. ۋەزىيەتنى تونۇمايدۇ، ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزىنى قۇدرەتلىك چاغلايدۇ، ئاخىرىدا ئۇزېل- كېسىل گۇمران بولىدۇ.»

كازافىنىڭ ھالاك بۇلىشى لىۋىيىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

لىۋىيىدە كازافىغا قارشى ئىنقىلابچىلار غەلىبە قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىگە ۋاقتىدا ئارىلاشقانلىقى مەرىپەتلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى كۈچىنىڭ قانچىلىك قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. پۇقرالارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھازىرقى دەۋردە ھەرگىزمۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولماي قالدى. كازافىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا كازافىنى زوراۋانلىق بىلەن ئاغدۇرۇشقا ئېلىپ كەلدى. كازافى ماۋزېدۇڭپەرەس ئادەم ئىدى. كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە لىۋىيىدە ماۋزېدۇڭچە سوتسىيالىزم قۇرماقچى بولغان كازافىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى بىر پېچكىسىنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۈگۈن كازافىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن تەسىرلەنگەن جۇڭگولۇقلار، جۇڭگودا مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ قانداق تۈزۈم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن جۇڭگولۇقلار بولۇپ قالدى.

«قورساق تويسىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىغانلىق بولىدۇ» دەپ، كىشىلىك ھوقۇققا تەبىر بېرىدىغان جۇڭگو جەمئىيىتىدە تەربىيە كۆرگەن جۇڭگولۇقنىڭ ئەمدى «ناننىڭ ئۆزىلا ئوزۇق ئەمەس» دەيدىغان كۆز قاراشقا كېلىپ ئويغىنىۋاتقانلىقى كىشىلەرنى ئويغا سالمامدۇ؟

«بىر ھۆكۈمران ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى كېرەك؟» دەپ قويۇلغان سوئاللارغا «شۇ ھۆكۈمران، ھۆكۈمران پەقەت خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈنلا دۆلەت باشقۇرغان ۋاقىتتا، بۇنداق ھۆكۈمران بارلىق پۇقرالار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن ھۆكۈمران ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەكسىچە ھۆكۈمراننىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدىن بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۆزى كەمسىتىشكە باشلىغاندا،«ئۇلۇغ ئەربابنىڭ» «ئۇلۇغ» لىقى،«توغرا، دانا پارتىيە» نىڭ «توغرىلىقى»،« دانالىقى» كۈچىدىن قالىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

بۇنداق چاغدا بىرلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان خەلقنىڭ كۈچى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ. مۇبادا ھۆكۈمران ھەر قانداق ۋاقىتتا خەلقنى ئويلايدىغانلا بولسا، خەلق بۇنداق ھۆكۈمراننى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق باستۇرۇشنى ئۆزگەرمەيدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالىدىغان بولسا بۇنداق ھۆكۈمران چوقۇم ئاغدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىرى كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى. نۆۋەت خىتايغا قاچان كېلىدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.