جۇڭگونىڭ تەقسىمات پرىنسىپى قانداق پرىنسىپ ؟

ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى تەقسىمات پرىنسىپى جۇڭگوچە تەقسىمات پرىنسىپى دەپ، ئاتىلىپ ئوخشاشلا ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقسىمات پرىنسىپى بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت پاي - چەك ئاپىتىنى ۋە پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى پۇقرالارنىڭ بېشىغا ئىتتىرىپ قويدى. پايدا - مەنپەئەتنى ئىمتىيازلىقلارنىڭ پايدىسىغا يۈزلەندۈردى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.09.03

 مەسىلەن، بىر ۋاراق پاي - چەكنى سېتىۋېلىشقا ئىمتىيازلىقلار 1 يۈەن سەرپ قىلغان بولسا، ئوخشاش پاي - چەكنى پۇقرالار 1 يۈەن 5 مو خەجلەپ سېتىپ ئالدى. ئەسلىدە ھۆكۈمەت پۇقرالارنى ئالدىغاندا، ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر سېتىپ ئالغان 1 يۈەنلىك پاي - چەك بازارغا سېلىنمايدۇ، دېگەن. پۇقرالار بولسا، ئىمتىيازلىقلار سېتىپ ئالغان 1 يۈەنلىك پاي - چەك بازارغا سېلىنمايدىغانلا بولسا، پۇقرالارغا خەتىرى يوق دېيىشىپ 1 يۈەن 5 مولۇق پاي - چەكنى سېتىۋېلىۋەرگەن.

كېيىن، جۇڭگو پاي - چەك بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بارلىق پاي - چەكنى ئوخشاش باھادا بازارغا چىقىرىپ، بۇ ھەرىكەتكە چىرايلىق ئىسىم قويۇپ " پاي - چەك ھوقۇقىنى پارچىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى" دەپ ئاتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر بىر كېچىدە باي بولۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرى مازارلىققا چىقىپ يىغلاشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە جۇڭگودا ئىمتىيازلىق تەبىقىلەرنىڭ 1 يۈەنلىك پاي - چەك دېگىنى ئەسلىدە ھېچقانداق دەسمايە سالماي پاي - چەك سېتىۋېلىش دېگەنلىك ئىدى. بىر نەچچە 10يىلدىن بېرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇلغان پاي - چەك ھوقۇقىنى، ماددى بۇيۇملارغا ماسلاشتۇرۇلغان پاي - چەكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نەچچە ھەسسە ھەتتا بىرنەچچە 10 ھەسسە پايدا يۇلۇپ ئالغان ئىدى. ھازىر پاي - چەكنى ئەسلى باھادىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا نەقلەشتۈرۈشكە باشلىدى. بۇنداق قىلىش دېگەنلىك جۇڭگو خەلقىنى كەم - كۈتىسىز بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟

بۇ شەكىللىك جۇڭگو ئىقتىساد ئەندىزىسىگە ئاساسلانغاندا ، جۇڭگونىڭ بايلىقى خۇددى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېقىنىغا ئوخشاش كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ چۆنتىكىگە ئېقىپ كىرمەمدۇ؟ خىتاي كوممۇنىستلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، غەرب دۇنياسى ئۆز دۆلەتلىرىدە قۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان، مۇھىت بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنى سېتىپ ئېلىپ قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدۇ. شۇنداق قىلغاندا غەرب دۇنياسىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ ئىللەتلىرى - خام ئەشيا مەنبەلىرىنىڭ سوغۇلۇپ كېتىشى، مۇھىت بۇلغاش، ئىقتىسادىي كرىزىس قاتارلىق ئىللەتلىرىنى جۇڭگوغا يۆتكەپ كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بېشىغا قارا بۇلۇت پەيدا قىلىدۇ.

شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە بىز، جۇڭگو پاي - چەك بازىرىدا 20 مىڭ مىليارد يۈەنلىك ئومۇمى قىممەتنىڭ ئىس - تۈتەككە ئايلانغانلىقىنى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ 6 مىڭ مىليارد يۈەنلىك زىيان تالاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، 10 مىڭ مىليارد يۈەنلىك پېرېۋوت زاپىسىنىڭمۇ پارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

ماقالىنى يازغۇچى گو چۋەن ئەپەندىنىڭ پاكىتلىق ئىزاھلاشلىرىغا ئاساسلانغاندا ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يامان يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان بولىدۇ. نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ۋە تىبەتتە يولغا قويغان باستۇرۇش، نوقۇل مىللەتچىلىكنى ۋاستە قىلىپ يولغا قويغان باستۇرۇش بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ياكى قالالماسلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن مۇستەملىكىچى خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ سەددىچىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆتكۈرلەشكەن زىددىيەتلەرنى خاراكتېر جەھەتتە ئۇيغۇرىستان ۋە تىبەتكە قارىتىپ، خىتاينىڭ ئىمتىيازلىق تەبىقىلىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىللەتچىلىككە تايىنىپ خىتاي پۇقرالىرىنى قۇترىتىپ ، مىللەتچىلىككە تايىنىپ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇستەملىكىچىلەردۇر. 20‏ - ئەسىرنىڭ 40‏ - يىللىرىدا خىتاينىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق قىلغان ئەمەسمىدى؟


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.