ئولىمپىك مۇراسىمى باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا جۇڭگودا پاي - چەكنىڭ باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. 10 مىليوندىن ئارتۇق پايچىكنىڭ بىر تىيىن پۇلىمۇ قايتىپ كەلمىگەن. پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى باشقۇرۇپ تۇرغان ۋى دۇڭ ئەپەندى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يى خىيانەتچى بولۇپ چىققاندىن كېيىن جۇڭگودا پاي - چەك بازىرىنىڭ قارا پەردىسى كۆتۈرۈلۈپ،ئالدانغانلىقىنى، قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن پايچىكلار تور بەتلىرىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى تىللاشقا باشلىغان ئىدى.
پايچىكلارنىڭ كەيپىياتى خەتەرلىك سىگنال بولۇپ قالغاندا، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە جۇڭگودا بىر چوڭ چاتاق چىقىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، مۇقىملىق شوئارىنى قايتا - قايتا توۋلىغان، ھەتتا " جۇڭگو پاي - چەك گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلىپ،" ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە پاي - چەك بازىرىنى باشقۇرۇش پونكىسسىيىسىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، پاي - چەك بازىرىنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇشنى ئاشكارىلىدى" دەپ بىلجىرلىغان ئىدى.
پاي - چەك بازىرى مۇقىم بولىدۇ، دېگەنلىك ئىنتايىن زور بىر مەسخىرە ئىدى."ئوغرى - ئوغرىنى تۇت "دەپ ۋاقىرىغاندەك، ۋارقىراۋاتقان ئەمەلدارلار نېمە دېمىسۇن، بۇنداق شوئارلار ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىدىن، بازار ئىقتىسادىنىڭ يۇشۇرۇن قانۇنىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان شوئارلار ئىدى.
ھالبۇكى ئولىمپىك مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۈنلەردە جۇڭگو پاي - چەك بازىرى "قارا رەڭلىك ھەپتىنىڭ 5 - كۈنى" نى كۈتۈپ ئالدى. شىنجىن شەھىرىدە، شاڭخەي شەھىرىدە پاي - چەكنىڭ قىممىتى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇراسىمى پاي - چەك بازىرىغا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەن ئولىمپىك مۇراسىمى بولۇپ قالدى، دېيىشتى.
جۇڭگو پاي - چەك بازىرىدا قىممەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى مىليونلىغان پايچىكلارغا ئاچچىق زىيان ئېلىپ كەلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋىن جياباۋ ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى پاي - چەك بازىرى ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟ جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئۆز - ئارا بىرلىشىپ، مىليونلىغان پايچىكلارنى ئالداپ، ئالدامچىلىقنى تەشكىللىگۈچىلەر دۆلەتلىك كاپىتال كومىتېتى، پاي - چەك بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى،بانكا نازارەت قىلىش كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار جۇڭگونىڭ پاي - چەك بازىرىدا ئويۇن ئوينىغان قارا قوللار بولۇپ چىقتى.
ئەگەر جۇڭگونىڭ پاي - چەك بازىرىدا قىممەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ سىگنالىنى چالدى دېيىلسە، مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل پاخاللىقى"ئىقتىساد بىلەن باش كۆتۈرۈش" دەيدىغان ئەپسانىنىڭ ئەمەلىيەت ئارقىلىق دەلىللەنگەن ئەپسانە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېتەرلىك پۇل توپلىۋالدى، بەزىلىرى مەبلىغىنى چەتئەللەرگە يۆتكەپ ئالدى، بەزىلىرى مەبلىغىنى كۆچمەس مۈلۈككە ئايلاندۇرۇپ ئالدى.
پاي - چەك بازىرى گۇمران بولامدۇ، مال باھاسى كونتروللۇقنى يوقىتامدۇ، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ چاتىقى نېمە؟ مال باھاسى كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتسە زىيان تارتىدىغان كىشىلەر جۇڭگونىڭ پۇقرالىرىدۇر. ئۇلار ئىككى ۋاخ تاماق يەمدۇ، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن جان تالىشامدۇ؟ ۋىڭ ئەن ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا گۈي زۇ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: ئولىمپىك مۇراسىمىدىن كېيىن مىڭ قېتىم، ئون مىڭ قېتىم بەلكى مىليون قېتىم ۋىڭ ئەن ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. زور كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەت يېقىن كەلگۈسىدە شىددەتلىك دېڭىز تاشقىنىدەك يامراپ كېلىدۇ.
جۇڭگو پاي - چەك بازىرى گۇمران بولدى، ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى مازغاپقا ئايلاندى، مال باھاسى كونتروللۇقىنى يوقاتتى، پۇل پاخاللىقى قوشۇلۇپ خۇددى دامۇكلىس خەنجىرىگە ئوخشاش جۇڭگو ھوقۇقدارلىرىنىڭ بېشىدا ساڭگىلاپ تۇرۇپتۇ. ئىشلار شۇ تەرىقىدە تەرەققى قىلىپ شۇ دەرىجىگە يىتىپ كەلگەن بولسا، خۇددى چۆچەكلەردە ئېيتىلغاندەك بىرىنچىسىدە قۇتۇلدۇڭ، ئىككىنچىسىدە قۇتۇلدۇڭ، ئۈچىنچىسىدە تۇتۇلدۇڭ بولۇپ قالامدۇ، قانداق؟
