خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە ئويۇنىنى قانداق ئوينىدى؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955 ‏ - يىلىدىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقتىن قانچىلىك بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈزلۈكسىز تالاش - تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى.

0:00 / 0:00

ئاپتونومىيە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ قالدى. بىراق، خىتاي دېموكراتلىرى بولسا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى يۇمشۇتۇشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، دەپ كۆرسەتمەكتە. گېرمانىيىدىكى ئوبزورچى پەرھات مۇھەممىدى ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى’ نى " تۈلكىنىڭ تەقسىماتى" غا ئوخشىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.