ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ يېڭى توقۇنۇشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى بولۇشتى. ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىپ ئىقتىساد كاساتلىشىشقا يۈزلەندى. دەل شۇنداق پەيتتە پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
ئامېرىكىدا سايلىغۇچىلار ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى جۈملىدىن مەزلۇم مىللەت ئۇيغۇرلارمۇ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىشتى. بەزىلەر پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا 30 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يېڭى لىبېرالىزمدىن ۋاز كېچىشىنى، خۇددى نىكسون ۋېيتنامدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندەك، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشتى.
تەيۋەننىڭ بىرلەشمە گېزىتى ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى 3 دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ يەنى يېڭى كونسېرۋاتىپلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن، ھەممىگە قادىر بولالايدىغان يېڭى لىبېرالىزم دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋىي "ئامېرىكا ئەسىرى" نىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
مەسىلەن، سايلامدا جون مىكېيىننىڭ مەغلۇپ بولۇشى،يېڭى كونسېرۋاتىپلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بەزى دۆلەتلەر مەسىلەن، شىمالىي كورىيە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتنى توختىتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇردى.
ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىسرائىلىيە، پەلەستىن - خاماسقا ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېڭى كونسېرۋاتىپلار سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى گەرچە ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىزچىل مەيدانى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنىڭ تاللىشى ھەم شۇنداق بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان سىياسىيونلار ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر ئاغدۇرغاندا، ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تۇرغۇزماقچى دېيىشتى. كۆپ خىل سىياسى ۋاستىلارنى قوللىنىپ، باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دىئالوگ ۋە سۆزلىشىش ئارقىلىق رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى، دېيىشتى.
ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلار: يۇقىرىقى مەسىلىلەر ھەر قېتىملىق سايلامدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېڭى سىياسەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھالقىلىق سىياسەت ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەتتۇر دېيىشتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، پرېزىدېنت ئوباما "ئۆزگىرىش"، "ئامېرىكىنى ئۆزگەرتىش" دەيدىغان سىياسىي مەسلەكنى ياقىلاپ سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ئوباما يېڭى لىبېرالىزمدىن ۋاز كېچىدىكەن، يېڭى كونسېرۋاتىپچىلىقتىن ۋاز كېچىدىكەن شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي" ئامېرىكا ئەسىرى"مۇ ئۆزگىرىدىكەن، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى يېڭى لىبېرالىزمغا مەنسۇپمۇ ياكى يېڭى كونسېرۋاتىپچىلىققا مەنسۇپمۇ ياكى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى،ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي سىياسىتىگە مەنسۇپمۇ دەپ سوئال قويۇشتى ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىرى.
پرېزىدېنت روزىۋېلىت دەۋرىدىن تاكى ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ سىياسىئونلىرى جۇڭگوغا قارىتا رومانتىك سىياسەت بەلگىلەپ كەلدى. ئارىلىقتا تەيۋەندە سايلام دېموكراتىيىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان دەۋىردە، ئامېرىكىنىڭ ئايرىم سىياسىئونلىرى" ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى لازىم"،" تەيۋەن بوغىزىدا دېموكراتىك تەيۋەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرگە ئېلىشى لازىم" دېيىشكەن. بىراق، بىر جۇڭگو سىياسىتى ئامېرىكىدا ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى يۇقىرىقى 3 خىل تەركىبلىك ئۆزگىرىشنىڭ قايسى تەركىبى قىسىملىرىغا مەنسۇپتۇر؟
0:00 / 0:00
