جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتىمۇ؟

2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇڭگوغا نەزەر تور بىتىدە "ئىران نېمىشقا جۇڭگودىن يۈز ئۆرىمىدى؟ چۆچۈگىدەك مەخپىيەتلىك ئاشكارا بولدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ كېلىش مەنبىيى (51 ھەربىي ئىشلارنى كۆزىتىش ئىشخانىسى) دېيىلدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىراق، ماقالىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ماقالىنىڭ مەزمۇنى تازا ماسلىشالماپتۇ، يەنى ئىران نېمىشقا جۇڭگودىن يۈز ئۆرىمىدى؟ دېگەن سوئالغا ماقالىدە ئېنىق جاۋاب بېرىلمىگەن.

ماقالىدە: جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاكىستاندا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغاندا غەربتە ھېچقانداق ئىنكاس قوزغالمىدى، لېكىن ھىندىستان قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى... ئامېرىكا، جۇڭگو سۆھبىتى ۋاقىت بويىچە بېيجىڭدا چاقىرىلدى. غەرب ۋە شاڭگاڭ مەتبۇئاتلىرى: ئامېرىكا ئالغىلى كېلىدۇ... جۇڭگودىن ھېچ نەرسە ئالالمىغان ھامان ئامېرىكا، جۇڭگوغا ئىنتايىن قاتتىق تەدبىر ۋە ھەرىكەت قوللىنىدۇ... ئەڭ مۇھىمى سۆھبەتتە جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ قوپۇشىدۇر، دېيىلدى. لېكىن، باراۋەر بولمىغان بىر ھادىسە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارىي كلىنتون، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئادەملىرى، ھەتتا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەربىي قوماندانى قاتارلىق (200 يۈز ئەتراپىدا) كۆپ كىشىلەر سۆھبەتكە قاتناشتى. جۇڭگو تەرەپتىن ھەربىي ئەمەلدارلار يوق، مەمۇرىي ئەمەلدارلار سۆھبەتكە قاتناشتى... بەلكى مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاكىستاننى زىيارەت قىلدى دېيىلدى.

ھىندىستان گېزىتلەردە چوڭ ماۋزۇلارنى قويۇپ خەۋەر تارقىتىپ: جۇڭگو، پاكىستانغا ھەربىي ئايروپىلان، تانكا، ھەر خىل قورال - ياراقلارنى بېرىپ ياردەم قىلدى... ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ كەتتى، دېدى. لېكىن پاكىستان ھېچ نېمە دېمەي جىم تۇرۇۋالدى....

دەل مۇشۇ پەيتتە دېيىلدى ماقالىدە: ئىران، ئىراننى جازالىماقچى بولغان دۆلەتلەرنى تەنقىدلەشكە باشلىدى... ئىراننىڭ رۇسىيىنى تەنقىد قىلىشى تېخىمۇ كەم كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولۇپ قالدى....

پاكىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىتايىن مۇھىم... ئەگەر جۇڭگو پاكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزىدىغان بولسا، پاكىستان ئارقىلىق ئۇرۇش يولى ئاچىدىغان بولسا، جۇڭگو ئارمىيىسى، پاكىستاندىن باشلانغان ئۇرۇش چەمبىرىكىدىن ياردەم قىلىشقا تىگىشلىك ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بىر كۈندە يىتىپ بارالايدۇ. ئەگەر ئىراندا بىر ئىش يۈز بېرىدىكەن... دېڭىز يولى مۇھاسىرە قىلىنىپ... پەقەت قۇرۇقلۇق يولى قالىدۇ....

بۇ يىل تېخى يېقىندا جۇڭگو "شىنجاڭ "نى ئېچىش بويىچە ئاز كۆرۈلگەن بىر پىلاننى كۆتۈرۈپ چىقتى... دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە. غەرب كۈچلىرى ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن "شىنجاڭ" ئىستراتېگىيىلىك ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ قالدى... بۇ يەرگە ئېغىر قوراللار ۋە ئەسكىرى كۈچ ئورۇنلاشتۇرمىسا بولمايدىغان بولدى....

بىزنىڭ مەقسىتىمىز دەيدۇ ئاپتور: پاكىستان بىلەن ئىراننى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئارىلىققا ئايلاندۇرۇش. چۈنكى،شەرق تەرەپتە بىرەر ۋەقە ئوتتۇرىغا چىققان ھامان غەرب تەرەپمۇ دۈشمەن ھۇجۇم قىلىدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ، جۇڭگو ئىككى تەرەپتە ئۇرۇش قىلىشتەك پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ....

جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتىمۇ ؟ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" نامايىشىنى باستۇرغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنلا خىتاي يازغۇچىلارنىڭ پاش قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى ئېچىۋىتىلگەن شەھەرگە ئايلاندۇرۇش يەنى قەشقەرنى جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتىكى پورتىغا ئايلاندۇرۇش، پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتى بىلەن قەشقەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىراننىڭ، ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىتىنى قەشقەر ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغان ئىدى، مۇشۇ پىلان بويىچە قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىپ تۈزلىگەن، مۇشۇ پىلان بويىچە ئۇيغۇرنىڭ ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇشۇ پىلان بويىچە قەشقەرنى يېقىندا ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونغا ئايلاندۇرماقچى بولدى.

مەلۇم بولدىكى، قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونغا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئالاھىدە ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى يۇقىرىقى ماقالىدە پاش قىلىندى. قارىغاندا، پەۋقۇلئاددە دورا ئىچمەي تۇرۇپ جۇڭگونىڭ قىزىتمىسى پەسەيمەيدىغاندەك قىلىدۇ. دورا تەييار بولغانمىدۇ؟


تولۇق بەت