خىتايدا ئىشچىلار ئويغاندى، ئىش تاشلاش باشلاندى
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.06.04
2010.06.04
- 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەندۇڭ ئۆلكىسى زا جۇۋاڭ شەھىرىدە پاختا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
- 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نەنجىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
- 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجىن فىڭگاڭ تۈرلۈك ماللار ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
- 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ياپونىيە مەبلەغ سالغان گۇاڭدۇڭ نەنخەي زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى. ئىشچىلار مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ياپونىيە مەبلەغ سالغان 4 يۈرۈش زاۋۇت بىراقلا ئىش توختاتتى.
- 5 - ئاينىڭ 20 كۈنى جاڭسۇ كۈنشەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جىنگاڭ گۇرۇھىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۆي باھاسى، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى، ماددى مەنپەئەت تەلەپلىرىنىڭ بىر خىل ئىنكاسى بولۇپ ئىپادىلەندى.
مۇشۇ كۈنلەردە، جايلاردا ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا ئەگىشىپ ياپونىيە مەبلىغى بىلەن شاڭخەيدە قۇرۇلغان ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ، جەنوبىي كورىيىنىڭ بېيجىڭدا قۇرۇلغان ماشىنىسازلىق پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ، ياپونىيىنىڭ مەبلىغى بىلەن ۋۇشىدا قۇرۇلغان نىكون نازۇك ئاپپاراتلار ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ، خېنەن فېڭدىڭشەن پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق شىتاتلىق ۋە ئىشسىز ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
" تالىپلار ئىسيان كۆتۈرسە 10 يىلدىمۇ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ" دەيدىغان ئەقلىيە سۆزى بار ئىكەن خىتاينىڭ، ئەمما خىتاينىڭ مەخپىي ئاخبارات توپلاش ئورگانلىرى، لېكىن، ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ: ئەمگەكچىلەر سىنىپى بارغانسېرى ئويغىنىشقا باشلىدى، ئۇلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئاخىرقى چەككە يەتتى دېيىشتى.
ئىشچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلمىدى، رەھبەرلەرنىڭ مائاشى 10 ھەسسە ئۆستۈرۈلدى. پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىللىق مائاشى 4 - 5 يۈز مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. گەرچە، خىتايدا پەن - تېخنىكا خادىمى دېگۈدەك خادىم بولسا كاشكى... ئىشچىلارنىڭ مائاشىچۇ؟ تۆۋەن تۇرمۇش چېكىنى ساقلاپ قېلىشقىلا يېتىدىغان 5 - 6 يۈز يۈەنگە چۈشۈپ قالدى. ئىلگىرى بۇ ئىشچىلار 2 مىڭ يۈەن مائاش ئالاتتى. نېمە ئىش بولدى، نېمە ئىش يۈز بەردى جۇڭگودا؟ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئويغىنىشى قانداق ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى؟
5 - ئاينىڭ 24 -، 25 - كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادى سۆھبىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، سۆھبەت ئاياقلاشقاندا جۇڭگونىڭ ئېكسپورتقا تايانغان سودىسىنى ئىچكى بازارغا يۈزلەنگەن سودىغا ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىندى. ئامېرىكا تەرەپتىن جۇڭگوغا ۋەدە بېرىپ، ناھايىتى تىز ئارىدا جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ياكى بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز دېدى. بۇنداق قىلىش ئوڭاي گەپمۇ؟ جۇڭگونىڭ سودىسى ئىچكى بازارغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
رەھبەرلەرنىڭ يىللىق مائاشى 5 يۈز مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئىشچىلارنىڭ مائاشى 5 يۈز يۈەنلىك سەۋىيىدە توختاپ قالسا، ھېلىمۇ گەپ قىلمايدىغان ئىشچىلاركىنە بۇ، جۇڭگونىڭ ئىشچىلىرى! ( ئامېرىكا، جۇڭگو سۆھبىتى جەريانىدا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا "بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەن دۆلەت ئورنى بېرىش "نى قارار قىلدى. "بىرلەشمە سە ھەر گېزىتى" 2010 - يىلى 26 - ماي.)
ئامېرىكا جۇڭگودا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلامدۇ ياكى ئامېرىكا ئاۋۋال، جۇڭگونىڭ بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جۇڭگودا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلامدۇ؟
جۇڭگونىڭ بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ نېگىزلىك شەرتلىرى نېمە ...؟ تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئېتىراپ قىلىش نېمىشقا بۇنداق تىز بولۇپ كەتتى، جۇڭگو، ئەمگەك بىلەن كاپىتالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىپ بولدىمۇ؟ بۇ توغرىدا جۇڭگو ئامېرىكا تەرەپكە قانداق ۋەدىلەرنى بەردى ...؟ جۇڭگودا ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.