چىرايلىق ئۇقۇشماسلىقمۇ ياكى خىتاي رەڭۋازلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ ؟

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۋا ئەپەندى 2008‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 12‏ - كۈنى " چىرايلىق ئۇقۇشماسلىق" توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلدى : خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەتبۇئات - ئاخباراتنى قاتتىق تەقىپ قىلىشى، تور بەتلىرىنى تاقىشى، پىچەتلىشى سەۋەبىدىن، جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ 4‏ - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، بۇ توغرىدا سەزگۈلەرنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن سەللا تەۋرىنىش بولىدىغانلا بولسا، تارىخىي ئەسلىمىلەر ئادەتتىكى پىكىرلەر ئۈستىگە لەيلەپ چىقاتتى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپماقچى بولغانلىقى خام - خىيال ئىدى... يېقىندىن بىرى جۇڭگو ئاخباراتچىلىرى يول بويىدىن تاش تىرىش شەكلىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ئانچە - مۇنچە ئوت ئۇچقۇنى پەيدا قىلدى. كەسىپداشلىرىمىزغا ھەمدەم بولىمىز.

0:00 / 0:00

لىن باۋخۋا يازمىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: شاڭگاڭ ‏، تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ھەتتا، چەتئەل ئاخباراتچىلىرىمۇ 'جۇڭگودا مەتبۇئات قويۇۋېتىلدى،' دېيىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يامان غەرەزلىك ئۇچۇرۇپ ماختىغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەلكىم "چىرايلىق ئۇقۇشماسلىق " بولۇشى مۇمكىن. 6 ‏ - ئاينىڭ 3‏ - كۈنى سىچۈەندە بالا - چاقىسى ئۆلگەن ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن 150 نەپەر كىشى ماتەمگە ۋە ئەرز - شىكايەت قىلىشقا توپلانغاندا ساقچىلار تارقىتىۋەتتى. ياپونىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىنى بىر سائەت توختىتىپ قويدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر مۇخبىرىنى ۋە ئىككى نەپەر ئاپاراتچىكنى سۆرەپ سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. مۇشۇ ھەرىكەت ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويىۋەتكەنلىكمۇ ؟

تيەنئەنمېندە نەق مەيداندا ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىش تەلەپلىرى چەكلەندى

ئولىمپىك مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن تارقاتماقچى بولغان خەلقئارالىق 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى 5‏ - ئاينىڭ 29‏ - كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئاچقاندا، ئارىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ، بېيجىڭ يۇقىرىقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى تيەنئەنمېندە نەق مەيداندا ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىش تەلەپلىرىنى چەكلىدى. بۇلارنىڭ ئاپارات - كامېرا ئۈسكۈنىلىرى شاڭگاڭ تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىندى دەپ كۆرسەتتى، لىن باۋخۋا ئەپەندى. بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا تىبەتتە قان تۆكۈلگەندىن كېيىن، چەتئەل ئاخبارات خادىملىرىنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ، ئارقىدىنلا مەتبۇئات - ئاخبارات ساھەسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، گويا كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتى مەتبۇئات - ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ‏ - دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇۋا ئەپەندى،‏ - جۇڭگونىڭ سىنزور ئورگانلىرى 4‏ - ئاينىڭ ئاخىرىدا 1 مىليون يۈەن پۇل ئاجرىتىپ قاتار 10ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپى فاكولتېتلىرىغا تارقىتىپ، تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ماقالە يېزىپ، غەربنىڭ ئاخبارات - مەتبۇئات ئورگانلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشقا تەشكىللىدى. 10مىڭ خەتلىك بىر پارچە ماقالە ئۈچۈن ھەر بىر مەكتەپكە 100مىڭ يۈەندىن پۇل تارقاتقان بولسا، ئۇنداقتا خىتايچە خەت ھېسابىدا بىر خەت 10 يۈەنگە توختىدى.

ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى پۈتۈنلەي كونترول قىلىندى

مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كېلەيلۇق، 60 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ئۇيغۇرلار مەتبۇئات - ئاخبارات ھوقۇقىغا ئېرىشىپ باققىنى يوق. ئاتالمىش " شىنجاڭ گېزىتى " دىن تارتىپ يەرلىك گېزىتلەرگىچە پۈتۈنلەي تەرجىمە گېزىتىگە ئايلىنىپ، يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر تىللىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا بىر جۈملە خىتاي تىلىغا بىر جۈملە ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇپ سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرغا قارشى ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشقا باغلىق ئادەت يېتىلىشكە باشلىدى. ئەگەر ئۇيغۇر بولسىڭىز نومۇسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ خانىم، ئۇنتۇپ قالما ئەپەندى ! ئۇيغۇر تىللىق تور بەتلىرى پۈتۈنلەي كونترول قىلىندى. غەربكە قارشى، غەربنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيىتىگە قارشى تەشۋىقات - تەرغىبات، ئايرىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تەشكىللىك تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئەنچۈئەنتىڭ قانچىلىك پۇل تارقاتتى ؟

" دىيارىم تور بېتى " 6 - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى ئامېرىكىلىق ئاتالمىش ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان ئەر كىشى تۇماس بېت توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقاتتى، يەنە شۇ "دىيارىم تور بېتى " 6‏ - ئاينىڭ 12‏ - كۈنى ھېيتگاھ مەسچىتىنى باش سۆرەت قىلىپ، ئۆزىگە ئەپەندى دەپ ئىسىم قويۇپ، ئەنچۈئەنتىڭغا ئەركىلەپ بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ھاقارەت قىلىدىغان ھەجۋىي سۈرىتىنى تارقىتىشىغا يول ئېچىپ بەردى. بۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ ئەلۋەتتە، لېكىن شۇنداق ئەركىنلىكنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەجۋىي سۈرەت ئىشلىگۈچى ئەپەندى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتاي شىركەتلىرىگە توختاملىق سېتىپ بەرگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھەجۋىي سۈرىتىنى ھەمدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى سىز، خىتاي شىركەتلىرىگە تاللاپ بەرگۈچە لېۋىڭىزنى چىڭ چىشلەپ چىداپ تۇرۇپ بەرگەن بەشىرىڭىزنى ‏ - دەل ئۆزىڭىزنىڭ ھەجۋىسىنى ئىشلەپ، تور بەتلىرى ئارقىلىق تارقىتىشقا بولامدۇ - يوق؟! شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، خىتاينىڭ تەقىپ ئورگانلىرى سىزگە ھەقىقىي مەتبۇئات ئەركىنلىكى بەرگەن بولمامدۇ؟