خىتاي كوممۇنىستلىرى خەلقئارا جامائەت پىكرى تەييارلاشنى باشلىۋەتتى

دوۋىي تور بېتى 6‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن 4 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ "شىنجاڭ مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ زادى قانچىلىك كۈچى بار" ناملىق ماۋزۇ ئاستىدا ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاشقا باشلىدى. شاڭگاڭ" ئەينەك گېزىتى نەشىرىياتى" جۇڭگو تېررورچىلىققا قارشى ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى" ماۋزۇلۇق كىتاب نەشر قىلدى، ‏ - دەپ باشلايدۇ دوۋىي تور بېتى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2008.06.20

 بۇ كىتابتا مۇنداق پاش قىلىنغان ئىمىش. 20 ‏ - ئەسىرنىڭ 90‏ - يىللىرىدىن باشلاپ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بارىن قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەشكىللىگەن كۈندىن ھېسابلىغاندا، جۇڭگو شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش بۇيىچە 18 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ پائالىيەت ماكانىنى تارايتتى. بىراق 2007‏ - يىلىدىن باشلاپ شەرقى تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتەردى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى كىتاب يېزىپ ۋە تور بەتلىرى ئارقىلىق شۇنداق خەۋەر تارقىتىپ خەلقئارا جامائەت پىكرى تەييارلاپ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى يوللۇق باستۇرۇش دېمەكچى بولدى. ئۇنداقتا، تېررور دېگەن نېمە؟ دۇنيا تېخى ھازىرغىچە تېررور دېگەن بۇ ئۇقۇمغا لاياقەتلىك تەبىر بەرگىنى يوق. بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خەلقئارا پرىنسىپلار بۇيىچە ئېيتقاندا،ھەرىكەتنىڭ ئىشقا سېلىنغان ھەر خىل ۋاستىلىرى مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن تاشلانغان تۈنجى قەدەمدۇر. چۈنكى، ئۇيغۇرىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدۇر. تارىخ خىتايلارنىڭ ئەينى چاغدا ياپونىيىگە قارشى قوراللىق ھەرىكىتىنى قانداقسىگە يوللۇق دەپ ھۆكۈم قىلغان بولسا، يەنە شۇ تارىخ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكىتىنىمۇ يوللۇق دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ ئۆتتى ۋە قەشقەردىن ئېلىپ ئۆتتى. ئۇسۇل ئويناپ قارشى ئالغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە قىزىل تاۋاردىن ئىشتان كىيگۈزۈپ قويدى. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىدى، قەشقەردە 3نەپەر ۋەتەندىشىمىزغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئۇيغۇر ۋەتەندېشىم، ئۇيغۇرىستان ‏ - بۇ مۇقەددەس ماكان ۋە جانىجان ئۇيغۇر خەلقى تەھلىكە ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلام تەھلىكە ئاستىدا قالدى، ئۇيغۇر قىزلىرى، ئۇيغۇر ئانىلار تەھلىكە ئاستىدا قالدى، ئالدىمىزدىكى 4 - 5 كۈن ئىچىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچىدە سوت ئىچىپ 65 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 نەپەر ئۇيغۇرغا تېررورچى جىنايىتىنى ئارتىپ ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بولدى. ۋىجدانىڭ ساڭا چاقىرىق قىلىدۇ ئۇيغۇر، سېنىڭ ۋەتەندېشىڭ مەن ساڭا چاقىرىق قىلىمەن ئۇيغۇر! ۋەتەنداشلىرىڭنى قۇتقاز ئۇيغۇر! تىبەتلەرنىڭ قوزغىلىشى، ئەگەر ئومۇمى خەلق قوزغالسا خىتاينىڭ تانكا، برونىۋىكلىرىنىڭمۇ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ئۇيغۇر!

تىبەتلەردە ئۆلۈم جازاسى يوق. چۈنكى تىبەتلەر ئىتتىپاقلاشتى، تىبەتلەردە پىلانلىق تۇغۇت يوق، چۈنكى،تىبەتلەر ئىتتىپاقلاشتى. ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق ھوقۇقتۇر، ئويغان ئۇيغۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر.

ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ۋەتىنى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋەتىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ، زوردۇن سابىرنىڭ ۋەتىنى تەھلىكە ئاستىدا قالدى. غەنى باتۇرنىڭ روھى ساڭا چاقىرىق قىلدى، ئويغان ئۇيغۇر، 65 نەپەر قېرىندىشىڭنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن قوزغال ئۇيغۇر. غەنى باتۇر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ باتۇرلۇقى نەدە قالدى ؟ گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ قولىدىن ھەربىي قورال - ياراقنى تارتىپ ئېلىپ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشقان ئەزىمەتلەرنىڭ باتۇرلۇقى ئەنە شۇ يەردە ئىدى.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى سۈرەتلەردىن روھى سۇنغان، ئىرادىسى يوقالغان، يۈرىكى مۇجۇلغان تەمبەل ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەبگا خىتاي ئەسكەر ‏ - ساقچىلىرىدىن قورقۇپ تىترەۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمنى كۆرۈۋاتىمەن. نېمىدىن قورقىسەن ئۇيغۇر ؟ قورقۇش بىلەن جۈرئەت قىلىشنىڭ ئارىلىقى پەقەت بىر غېرىچلا يول ئۇيغۇر!
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.