ئۇيغۇر خەلقى ئويغاندى

كۆزىتىش تور بېتى، 2008‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى نورۋېگىيە "تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارى خەلقى 8‏ - ئاينىڭ 7‏ - كۈنىنى مەشئەل ياندۇرۇپ تىبەتكە ياردەم بېرىش كۈنىگە ئايلاندۇردى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان 48 دۆلەت ۋە رايوندا مەشئەل ياندۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو رەھبەرلىرىگە "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مۇكاپاتى" تارقاتتى.

0:00 / 0:00

نيۇيورك شەھىرىدە تىبەت ياشلىرى 7‏ - كۈنى مەشئەل ياندۇرۇپ، لوزۇنكىلارغا " بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇراسىمىدۇر" دەپ خەتلەرنى يازدى.جۇڭگو ھۆكۈمىتى گۇناھسىز پۇقرالارنى قىرغىن قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت، شۇڭا خۇجىنتاۋ قاتارلىق جۇڭگو رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مۇكاپاتى تارقىتىش كېرەك،دېيىشتى. ئوخشاشلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لوگىئېر ئەپەندىگىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بۇيىچە 3‏ - دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىش كېرەك دېيىشتى.

200 دىن ئارتۇق تىبەتلىكلەر سانفرانسىسكو شەھىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەر سىدني شەھىرىدە نامايىش قىلدى. تىبەتلىكلەر يېڭى دېھلىدا، دارىسالامدا خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ قازا قىلغان تىبەتلىكلەرنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ روھىغا بۇددىزىمچە دۇئا - تىلاۋەت قىلدى.

يەر شارى بۇيىچە مەشئەل ياندۇرۇپ تىبەتلەرنى قوللاش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەر ئىسرائىلىيىدە قۇرۇلغان "مەشئەل كۆتۈرۈپ تىبەتكە ياردەم بېرىش تەشكىلاتى" ئىدى. بۇ تەشكىلات يەنە بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان چەتئەللىك مېھمانلارغا مۇراجىئەت چىقىرىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا كىرگەندە قول تېلېفونىنىڭ چىراقلىرىنى، چاقماق ۋە قول چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ تىبەت ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەشكىلات يەنە دۇنيادا 3 قىتئەدە 100 دىن ئارتۇق تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئوت ياندۇرۇپ تىبەت ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى جاكارلىدى. ئولىمپىك مۇراسىمى 8‏ - كۈنى بېيجىڭدا پەردىسىنى كۆتۈرگەندە بىر نەچچە نەپەر تەيۋەنلىكنىڭ تەشكىللىشى ئارقىلىق بىر نەچچە يۈز تىبەتلىك ۋە تەيۋەنلىك تىبەت ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى تەيبېيدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەدە بېرىپ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىغا قارشى تۇردى.

بىر نەچچە يۈزلىگەن ئىسرائىلىيە خەلقى 8‏ - كۈنى تېل - ئاۋېۋ شەھىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بەش ھالقىلىق ئولىمپىك بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ "بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمى دۇنيانى ئەبىدى ئار - نومۇسقا قالدۇردى" دەپ شۇئار يېزىپ، ھەر بىر ھالقىنىڭ ئىچىگە سىياسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى يازدى. بىرىنچى ھالقىغا تىبەتلەر يېزىلدى، ئىككىنچى ھالقىغا فالۇنگۇڭچىلار يېزىلدى، ئۈچىنچى ھالقىغا دارفۇر يېزىلدى، تۆتىنچى ھالقىغا بېرمانى يېزىپ، بەشىنچى ھالقىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتى دەپ يازدى.

بۈگۈنكى دۇنيا،مۇستەملىكە مىللەتلەرگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇقتىن، دېموكراتىيىدىن، ئەركىنلىكتىن ئېيتقاندا، شۇ ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشنىڭ، شۇ ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان دۇنيادۇر. مەسىلەن، 40 نەچچە دۆلەت رەھبەرلىرى 1999 ‏ - يىلى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇپ "ئىگىلىك ھوقۇقتىن كىشىلىك ھوقۇق ئەلا" دەپ جاكارلىغان ئەمەسمىدى؟ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش، دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسى ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش،كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادەم ئادەمدەك ياشاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقلىرى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تەبىئەت ئۇيغۇرلارغا بەخشەندە قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلاردۇر.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇرنىڭ سىياسى پائالىيەتچىلىرى ئىشىنىدۇكى، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى ئويغاندى!