بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتى كىم؟

"تەڭرىتاغ" تور بېتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۋا 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى: "مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋىچۈن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە " ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى" باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالى دوكلات قىلىندى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.08.27

جۇ ۋىچۈن مۇنداق دېگەنمىش: "شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيە پائالىيىتى ياخشى باشلىنىپ، جانلىق ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ ..." قاتارلىق پېئىللار، سۈپەت سۆزلەر، رىتورىك سوراقلار ۋە سۆز تۈركۈملىرىدىن تەشكىللەنگەن جۈملىلەر رېئاللىقتا ھەرىكەت ئۈنۈمى يوق، ئابستراكت سۆز ئىبارىلەرنى قۇراشتۇرۇپ سۆزلەنگەن نوتۇق شەكلى، خىتاينىڭ سىياسى تۇرمۇش ئادىتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە دوگمىسى، بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن ئېيتقاندا، خىتاي دوگمىسى ھېسابلىناتتى.

بىر دۆلەتنىڭ يەنە شۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلما شەكلىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن تۈزۈمى بولمىسا، قانۇن تۈزۈمى بولغاندىمۇ ئىجرا قىلىنمىسا، دائىرىلەر ئەتىگەندە بىر سىياسەت، كەچتە يەنە بىر خىل سىياسەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەلدە ‏ - جۇڭگودا پۇقرالار قوبۇل قىلالايدىغان قانۇن بولمىغاچقا، دائىرىلەر دوگما سىياسەت بەلگىلەپ، دوگما تەلىم ‏ - تەربىيە ھەرىكەتلىرىنى زوراۋانلىقنى ئارقا تېرەك قىلىپ يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

جۇ ۋىچۈننىڭ شۇئارىدىكى "ئۇلۇغ ۋەتەن" زادى قايسى ۋەتەن؟ جۇڭگو ‏ - جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇ ۋىچۈننىڭ ئۇلۇغ " ۋەتىنىدۇر. جۇ ۋىچۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەتەننىڭ يەرلىك خەلقى ئۇيغۇرلار ۋە بۇ مىللەتنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. مۇستەملىكە ئۆلكە، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تۈپەيلى ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى ھۆكۈمەت شەكلىنى يوقاتقان ئۇيغۇرىستان بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدۇر.

خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرىستاندا، جۇ ۋىچۈن قانداق شەكىللىك تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ؟ تەھلىلىمىزنى جۇ ۋىچۈننىڭ سالاھىيىتىدىن باشلايلى! جۇ ۋىچۈن مۇستەملىكە ھاكىمىيەت مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن. ئۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەلىم - تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئوبيېكتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىدۇر. مۇستەملىكە ئۆلكە شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىرلىكسەپ سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇكى، خىتاي تۈزۈپ چىققان ساختا ئاساسىي قانۇندا مۇستەملىكە قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ھوقۇق سۇبيېكتى بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئاتالمىش جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇقرالىرى ھېسابلانمايدۇ. بۇ نۇقتىنى ھەربىر خىتاي ئىچىدە بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار خىتاي بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ.

جۇ ۋىچۈن مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمى ۋە يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كېلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، دوگماتىسلارغاخاس خىزمەت ئۇسۇلى، تەجرىبىچىلىككە خاس تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلى، مەنپەئەتچىلىك - فىراگماتىسلارغا خاس بىرلىك سەپ نەزەرىيىسى ئىجات قىلىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى بىرلىك سەپ دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

ئۇيغۇرلار، بىرلىك سەپ دائىرىسىدىن ھالقىغان ھالدا ئالىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولالمايدۇ. جۇڭگودا مائارىپ تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنلىرى ياكى مۇستەملىكىچىلىك ياكى مىڭە يۇيۇش مەزمۇنلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلىگىنى يوق. ئۇيغۇرلار، ھەربىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئۇيغۇرلار، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا مەرتىۋىلىك ئورۇن تۇتالمايدۇ. ئۇيغۇرلار، ئىقتىسادى تەرەققىيات تورىنىڭ بىر بۇرجىكىدىمۇ تۇرالمايدۇ. ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقىدىن ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۇيغۇرلار، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇقى، مەنىۋى، مەدەنىيەت، قانۇنى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايسى ھالقىسىدا قانداق ھوقۇقلۇق ئورۇننى ئىگىلىگەن؟ يوق! مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشتىن باشقا ئىككىنچى يول يوق! شۇڭا ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ نەزەرىدە يوقىتىشقا تىگىشلىك مىللىي ئېتنىك گۇرۇپپا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

يېقىنقى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشى، جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭەيمىچىلىك قىلىش چۈشى، ھەتتا ئۇيغۇرىستاندىن چىقىپ كاۋكاز، كاسپى دېڭىزىغىچە كېڭەيمىچىلىك قىلىش چۈشى پۈتۈنلەي سۇغا چىلاشتى. شۇڭا ۋەزىر ۋىن جياباۋ كەينى - كەينىدىن دېموكراتىك سىياسى ئىسلاھات توغرىسىدا زەيتۇن شېخىنى پۇلاڭلىتىشقا باشلىدى.
 
ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى خېمىغا يېنىپ، دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارادا بىر دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىمەن دېسە، ئۇ ھالدا جۇ ۋىچۈن ئەپەندى شۇئارىنى ئۆزگەرتىپ: "ۋەتىنىڭلارنى قىزغىن سۆيۈڭلار، مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنى بېكار قىلىڭلار، ئۇيغۇرىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇڭلار! " دېگەن بولسا، بۇنداق شوئارنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتى قارشى ئالغان بولاتتى.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.